قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى 1992 - يىلىدىن بۇيان -12 نويابىر كۈنىنى خاتىرلەپ كەلمەكتە. يەكشەنبە كۈنى ئالما-ئاتادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئەينى دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن جەڭچى ئوفىتسېرلىرى ھەمدە ئازات شەرقىي تۈركىستاننىڭ شاھىدلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىقىدا، ئۆتكەن ئەسىردە قۇرۇلۇپ سوۋىت ھەمدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن يىقىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭگە قاتناشقان سەكسەن ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مىللىي ئازادلىق ھەركىتى شاھىدلىرىنىڭ "بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىز ئۆچمەيدۇ" دېگەن سۆزلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا يەنىمۇ ئىلھام ھەم ھاياجان ئاتا .
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەزمۇنلارنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ ئالماتىدىن بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ.