
11 - نويابىر كۈنى شۋېتسىيىنىڭ ئېسكىلستۇنا شەھرىدە مىللەتلەر مۇزىكا فېستىۋالى بولۇپ ئۆتتى. فېستىۋالغا شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن داڭدار مۇزىكا ئەترەتلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇزىكا فېستىۋالىغا مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىمۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قاتناشقان شۋېتسىيىدىكى ئەڭ ئاتاقلىق مۇزىكانت بولغان ئاللې مۆللەر باشچىلىقىدىكى "دۇنيا مۇزىكا" ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە قاتناشماقچى ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ئېلانلار شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ۋە ئىنتېرنېت تور بېتلىرىدە بۇندىن يېرىم يىل ئىلگىرىلا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندى بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشقا ئۈلگۈرمەي بۇ ئالەمدىن كەتتى.
مۇزىكا فېستىۋالى بولغان بۇ كۈنى مەرھۇم كۆرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ سۈرىتى فېستىۋال ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئېسكىلستۇنا شەھەرلىك تىياتىرخانىنىڭ ئالدىغا قۇيۇلۇپ ئۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر قايغۇسىنى ۋە تەزىيىسىنى بىلدۈرۈشتى. فېستىۋال باشلانغان شۇ مىنۇتلاردا مەرھۇم قاتنىشىپ كېلىۋاتقان "دۇنيا مۇزىكا" ئەتىرىنىڭ باشلىقى شۋېتسىيىدىكى ئاتاقلىق سەنئەتكار ئاللې مۆللېر ئەپەندى تىياتىرخانىدىكى تاماشىبىنلارغا كۆرەش كۆسەن ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"نۇمۇرىمىز باشلىنىشتىن ئىلگىرى سىلەرگە كۆڭلىمىزدە ئىپادىلىنىۋاتقان بىر ئازاپنى بىلدۈرمەكچى، بۇگۈنكى بۇ فىستىۋالنىڭ قاتناشچىلىرىدن بىرى بولغان ئاتاغلىق مۇزىكانىت كۆرەس سۇلتان ئەپەندىم ئارىمىزدىن كەتتى. ئۇ ئاجايىپ تالانتلىق بىر مۇزىكانت ئىدى ئۇ بىز بىلەن بىرگە تالاي قېتىم ئۇيۇن قۇيۇپ ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۇيۇن قاتناشىلىرىغا نامايان قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. بىز ئۇنى ھەر دايىم چۇڭقۇر ياد ئىتىمىز. ئۇ بىر يېتىلگەن سىياسىيون ئىدى. ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىغا قۇيۇق سىياسى تۈسمۇ سىڭگەن ئىدى. بىز رەسمى نۇمۇرلىرىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇ مۇزىكا بىلەن ئۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر تەزىيىمىزنى بىلدۈرىمىز. »

بۇ قېتىمقى فېستىۋال جەمى 11 سائەت داۋاملاشتى. فېستىۋال ئاخىرىدا رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ بۇ قېتىمقى فېستىۋالىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرىگە شۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى P2 قانىلى مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يەكشەنبە كۈنى كەشتە بىر سائەتلىك پروگرامما ئاڭلىتىدىغانلىقىنى، بۇ پروگرامما دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدە بىر ئاي تۇرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت 12 – نويابىر كۈنى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھرىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى ۋە مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەت باشلىنىش بىلەن مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى ۋە خەتمە قۇرئان قىلىندى.
پائالىيەتتە كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ناخشىلىرى قۇيۇلدى ۋە شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يېزىلغان ئەسەرلەر ئوقۇلدى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نامىدا مەرھۇمنىڭ تەرجىمىھالى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. پائالىيەت داۋامىدا يەنە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە چۈشەنچىلەر بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنە ئۇيغۇرلاردىن سىرت شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىۋاتقان 4 دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، شۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان "كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى" نىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پېر ئەپەندىممۇ قاتناشتى.