نورۋېگىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى


2006.11.13
AbdurupMexsum.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى

نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ 12 - نويابىر شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريەتلىرى قۇرۇلغان كۈننى دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىدى شۇنداقلا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قان تۆككەن ئەزىمەتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەتلەر قىلىشتى. يېقىندا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىن ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتاقلىق سەنئەتكار ، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

11-ئاينىڭ 12-كۇنى، يەكشەنبە نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو ۋە بېرگىن شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە كېيىنكى ئاقىۋىتى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى قىلغان ئەركىنلىك ،مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە سانسىز قۇربانلارنى بېرىشى بەدىلىگە، ساۋۇت داموللام قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ باش بولۇشى بىلەن "شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى" قۇرۇلدى ۋە ئەينى چاغدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئەپسۇسكى رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان سۇيىقەستلىك ھۇجۇملىرى ئاقىۋىتىدە بۇ جۇمھۇريىتىمىز ئانچە ئۇزۇنغا بارماي ئوز مەۋجۇتلىقىدىن ئايرىلدى.

شۇندىن يەنە 11 يىل ئۆتۇپ خەلقىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتتە قايتا قوزغالدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلجىدا ئىككىنچى قېتىم "شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيتى" قۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئىنقىلابقا، ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى، غەنى باتۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر زاتلار باشچىلىق قىلغان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى سانسىزلىغان ئاجداتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە دۇنياغا كەلگەن بۇ جۇمھۇريىتىمىزمۇ يەنە ئوخشاشلا رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۈشمەننىڭ بىرلىشىپ ئوينىغان سىياسى ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق ئۇيغۇرلار بىردەك ھالدا، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلىتى بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ روشەن بىر پاكىتى، بۇنىڭ بۈگۈنكى مىللى دەۋا ئىشلىرىمىزدا ۋە بۈگۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلاتلارنىڭ ئىپتىخار تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا غايەت زور رولى بار، دەپ قارايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى. يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ئەنۋەر ئەپەندى بۇندىن كېيىن بۇ خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ھەر يىلى كەڭ –كۆلەمدە، تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئوز كۆزقارىشىنى بايان قىلدى.

پائالىيەتنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش قىسمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەرھۇم كۆرەش كۈسەننىڭ نىڭ خەلقىمىز قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۆلمەس سەنىتى، ۋەتەن – مىللەت ئىشلىرىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى.

بىز يەنە بېرگىندىكى پائالىيەت ئەئاھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ دىنىي ئىشلار بويىچە مەسئۇلى ۋە بېرگىن شەھىرىدىكى ۋەكىلى كەرىم قارىمنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.