قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

12 - نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى بىر يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەتكە قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدە ياشايدىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى 1944 - يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھازىرغىچە ھايات ياشاۋاتقان جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىنى تەبرىكلىدى. يىغىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقىيېۋ "ئۇيغۇرلار 1944 - يىلدىكى پىداكار روھىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك،" دەيدۇ.

بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.