تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيەتلىرى خاتىرىلەندى


2006.11.13
exmetjan-bash.jpg
1944 – يىلدىن 1949 – يىلغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى.

11-ئاينىڭ 11-كۇنى ئىستانبۇلدا 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى قەشقەردە، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۇركىيە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش سېكرېتارى ئىبراھىم مەتىن ئەپەندى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال ۋەلى كۈچۈك ئەپەندى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پروفېسسور، دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، پېنسىيىگە چىققان گەنەرال ۋەلى كۈچۈك، شەرقىي تۇركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۇرك ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سوز قىلغان تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى مۇنداق دېدى:

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قۇراللىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73، 1944 – يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ 63 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈن پۈتۇن دۇنيادىكى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ بايرام كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسىڭلارنى ۋە پۈتۇن دۇنيادىكى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنى يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان 3 تەشكىلات نامىدىن تەبرىكلەيمەن. بۈگۈنكىدەك مۇبارەك كۈنىمىزدە ئىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا شېھىت بولغان پۈتۇن شېھىتلىرىمىزنى، شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجى، باش مىنىستىرى سابىت داموللام، شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ۋە پۈتۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ روھى شات، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن. شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە، باش مىنىستىر ئەخمەتجان قاسىم ۋە پۈتۈن سەپداشلىرىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئەسلەيمىز ۋە سېغىنىمىز. ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن. بۇلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۇن ئۆمرىنى شەرقىي تۇركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان مەسئۇت سابىر بايكۆزى، مەمەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، پولات كادىرى، زىيا سەمىدى، ھاشىر ۋاھىدى، يۇسۇپ مۇخلىسى، سابىت ئابدۇراخمان ۋە ئابدۇرۇپ مەخسۇملارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئەسلەيمىز. ئۇلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئاخىرىدا مەن يىغىنىمىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولۇشىنى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن".

كېيىن، شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۇرك ئەپەندى سوز قىلىپ بۇ خىل خاتىرلەش پائالىيىتى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ قانداق قىلىپ مۇستەقىللىققە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

بۇ خىل يىغىنلار ئەلۋەتتە مۇھىم، مۇھىم بولۇش بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۇركىستانلىقلار تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنى ئەسلەش بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. شەرقىي تۇركىستانلىقلار ئۇ تارىخنى تەكرار يېزىشى، تەكرار ئەركىنلىك كۈرىشى قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. مەن شۇنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە دېمەكچىمەنكى، تۈركىيىدە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۇرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلمىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مەنپەئەت ئالدى. مانا بۇنداق ۋەزىيەتتە بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئوز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا قارشى كۆئىشىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۇگۈنكى بۇ يىغىننى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 3 جەمئىيەت ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇردى. بۇ ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر باشلانغۇچ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بۇ ئىكى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە تارىختىن ساۋاق ئېلىپ مۇستەقىللىق كۆئىشىمىزنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىشىمىز كېرەك"

پېنسىيىگە چىققان گېنېرال ۋەلى كۈچۈك ئەپەندى سوز قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يىغىنغا كەلدىم. بۇ يىغىننىڭ تېمىسىدا تۇرك دېگەن ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم. يانى تۇركلەرنى ئالاقىدار قىلىدىغان ھەرقانداق مەسىلە مېنىڭمۇ مەسىلەمدۇر. بۈگۈن دۇنيادا 400 مىليون تۈركىي خەلق بار. ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، بۇ 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۇرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىدۇر. شۇڭا مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇرك جامائەتچىلىكىگە ياخشى تونۇتۇلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. بىز ئىتتىپاق بولغان تەقدىردە يېقىن كېلەچەكتە ئۇيغۇر تۇركلىرى قۇرغان 3-جۇمھۇرىيەتنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە مۇيەسسەر بولىمىز".

كېيىن شائىر زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم ئۆزى يازغان بىر شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەرقىي تۇركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۇركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ خاتىرلەش يىغىنى خېزىربەگ غەيرۇتۇللاھنىڭ شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى 62 يېشىدا، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارىنىڭ شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 73 يېشىدا تېمىلىق ئىلمى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىن ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئاياقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.