تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدىمۇ ئىككى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00
bayraq-chiqirish-turkiye-20.jpg
بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

11 - ئاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئاي. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىختا قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيىتى مانا بۇ ئايدا قۇرۇلغان. ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش يىل خاتىرىسىنى دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاشلا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى.

11-ئاينىڭ 11-كۇنى ئىستانبۇلدىكى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ بۇ كۈننى كۈتۈۋالغان بولسا 12 - قېسلا قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بۇ كۈننى كۈتۈۋالدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالدىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. تۈركىيىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىلدى. ياش ئۆسمۈرلەر تۈركىيىنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇدى.

مۇراسىمدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بۇ يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ ئەھمىيىتى، ئۈستىدە توختالدى.

كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇبەكرى تۈركسۆي ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە چەتئەلدە ياشاۋاتقان پۈتۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ياخشى بىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىنى بىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. كېيىن قەيسىرىدىكى ئاقساقاللاردىن ئابدۇللاھ ھاجىم، مەمەتجان ئۆزتۈرك قاتارلىق پېشقەدەملەر ئوز ئەسلىمىلىرىنى ياشلارغا بايان قىلىپ ئۆتتى.