سانفرانسىسكو شەھىرىدە 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر 5-ئىيۇل كۈنى سانفرانسىسكودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
urumchi-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن قوراللىق ئەسكەرلەر. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA

سانفرانسىسكودىكى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللەشكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سانفرانسىسكودىكى ۋەكىللىرى كۆپ كۈچ چىقارغان ھەمدە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرى نامايىشقا قاتناشقان. نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلىغان.

كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانفرانسىسكو ۋە لوس ئانجېلىس شەھەرلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.