قىزىل كېخمېر جىنايەتچىلىرى سوتلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك دەلىللەر
2008.02.15
2008 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، رادىئومىزنىڭ تەپسىلىي خەۋەر پروگراممىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژادا تەسىس قىلغان خەلقئارا سوت مەھكىمىسى قىزىل كېخمېر كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلىرىنى سوتلاشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە بايان بېرىلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئورگىنى نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قىزىل كېخمېر كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلىرىگە دائىر دەلىل - ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىدى.
20 مىڭدەك جەسەت ئازگىلى بايقالدى
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى پاكىتلارغا قارىغاندا، قىزىل كېخمېر جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كامبودژادا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن ئازگاللارنىڭ بەزىلىرى قېزىپ تەكشۈرۈلگەن. ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1975 - يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە بولغان 3 يىل 8 ئاي ئىچىدە كامبودژا نوپۇسىنىڭ 5 تەن بىر قىسمى، يەنى كامبودژادىكى 120 مىڭ تايلاند مۇھاجىرلىرىدىن 8000 كىشى، خىتاي مۇھاجىرلىرىدىن 430 مىڭ كىشى، ۋېيتنام مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى، كامبودژانىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشى؛ دىنى پەرق بۇيىچە ئايرىغاندا، كامبودژادىكى90 مىڭ مۇسۇلماننىڭ 25 مىڭى، جەمئى1 مىليون 700 مىڭ ئادەم قىزىل كېخمېر كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن كامبودژا دائىرىسىدە 20 مىڭ جايدا توپ جەسەت ئازگىلى، 80 جايدا جەسەت مۇنارى بايقالغان. پەقەت س21 بەلگىلىك جازا لاگىرى جەسەت كۆمگەن ئازگاللا 129. بۇ ئازگاللارنى قېزىپ تەكشۈرگەندە، 80 قېتىمدا قېزىپ چىقىرىلغان ئادەم باش سۆڭىكى 8985 دانە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇشۇ يىللاردا 'نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش' دېگەن نام بىلەن 3 كۈن ئىچىدە شەھەرلەردىن يېزىلارغا مەجبۇرىي قوغلانغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىككى مىليون. ئۇلارنىڭ كۆپۈكچىسى ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىپ ئۆلگەن، بۇنىڭغا دائىر تەپسىلىي تىزىملاش داۋام قىلماقتا.
قىزىل كېخمېرلارنى پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەمىنلىگەن
ھازىر ئامېرىكىنىڭ نورس كارۇلېنا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى جۇ شۆيۇئەن ئەپەندى 2007 - يىلى 8 - ئايدا، كامبودژادا قىزىل كېخمېرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىسپاتلىق بەرگەن بايانلىرىنى توپلاپ 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن كامبودژا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر سىرلار' ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، كامبودژا پادىشاھى سىخانوك غەرب ئەللىرىگە مايىل بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىگە كېسەل داۋالاتقىلى بارغاندا، كامبودژادا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بۇ پۇرسەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كامبودژادىكى قىزىل كېخمېر رەھبەرلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ، مىللىي ئازادلىق فرونتى قۇردى. ئۇنىڭغا سىخانوكنى قورچاق رەئىس قىلدى. كامبودژادىكى چوڭ قىرغىنچىلىق ئۇلار ھوقۇق بېشىغا چىققاندىن كېيىن باشلاندى.
بۇ يىللاردا كامبودژادا ئىككى خىل قىرغىنچىلىق بولدى. بىر خىلى بىۋاستە قىرىش، كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىىسگە زىت كىشىلەرنى قىرىش، ئىككىنچى خىلى كىشىلەرنى شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ئاچ-يالاڭاچلىقتا قويۇپ قىرىشتىن ئىبارەت. قىزىل كېخمېرلارنىڭ قىلغىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ جاللات پولپوت، نوڭشا، يىڭ سارى، كياڭكيۇن قاتارلىق كىشىلەر، تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى يىڭسارى پۈتۈنلەي خىتاي پاسپورتى بىلەن سىرتقا بېرىپ -كېلىپ ھەرىكەت قىلغان. بۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى ئىشلىتىدىغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەرگەن.
كوممۇنىستلارنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەنمىسەك يەنە قىرىلىشىمىز مۇمكىن
جۇ شۆيەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى جىنگاڭسەندىمۇ، يەنئەندىمۇ، دۆلەت قۇرغاندىن كېيىنمۇ، باشتىن ئاخىرى كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسىگە تايىنىپ ھەر خىل قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. كامبودژا كوممۇنىستلىرى پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىستلىرىنى دورىغان. ئۇ، " كوممۇنىستلارنىڭ بۇ خاراكتېرىنى چۈشەنمىسەك يەنە قىرىلىشىمىز مۇمكىن " دېدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كامبودژا ۋە ب د ت سوت مەھكىمىسى قىزىل كىخمىر رەھبەرلىرىنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتتى
- ھىندىىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوراللىق 'ماۋچىلار' نى جىددىي تازىلاشقا باشلىدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋاشىنگتوندا كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى تىكلەنگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى