ب د ت نىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان كامبودژا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش مەھكىمىسى، 1974 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە كامبودژانى ئىدارە قىلغان قىزىل كىخمىر ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قارار قىلىپ، قىزىل كىخمىرنىڭ ھازىرغا قەدەر ياشاۋاتقان شۇ چاغدىكى بەزى رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى. سوت مەھكىمىسى بۇ كىشىلەرنى قىزىل كىخمىر كامبودژانى سورىغان يىللاردا 2 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىزىل كىخمىرنىڭ قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقى بار.
قىزىل كىخمىر ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
پولپۇت باشچىلىقىدىكى قىزىل كىخمىر ھەرىكىتى كامبودژانى سورىغان يىللاردا قىزىل كىخمىر خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىنقىلابى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى يىللاردا پولپۇت ۋە كيۇ سەنپانلار يىتەكچىلىك قىلغان قىزىل كىخمىر رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدىغان ئىنقىلابى يولداشلار ئىدى. لېكىن 1970 -يىللاردا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىبارلىشىغا ئېرىشكەن بۇ كىشىلەردىن قىزىل كىخمىرنىڭ دۆلەت رەئىسى كيۇ سەنپان قاتارلىقلار دۈشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان كامبودژا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىندى.
كيۇ سەنپان ۋە قىزىل كىخمىر دەۋرىدە فېنومپېندىكى S - 21 تۈرمىگە رەھبەرلىك قىلغان دۇچې قاتارلىقلار مانا ئەمدى قىزىل كىخمىر ھاكىمىيىتى دەۋرىدە 2 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش ۋەقەسىدە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. قىزىل كىخمىرنىڭ دۆلەت رەئىسى كيۇ سەنپان ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يېرىدە قولغا ئېلىندى.
S - 21 تۈرمىنىڭ باشلىقى ئاندى دۇچې بولسا سەيشەنبە كۈنى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ، ئەينى چاغدا S-21 تۈرمىسىدە ئۆلگەن 14 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ سوتلانماقتا. لېكىن كيۇ سەنپان يېقىندا نەشر قىلىنغان ئۆز تەرجىمىھالىدا قىزىل كىخمىر رەھبىرى پولپۇتنى ئاقلاپ، ئۇنى سوتسىيالىزم قۇرماقچى، كامبودژانى چەتئەلنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان ۋەتەنپەرۋەر، دەپ ئاتىغان ھەمدە قىزىل كىخمىرنىڭ ئاچ قويۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ۋە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. كيۇ سەنپان يەنە ئەينى يىللاردا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان دېموكراتىك كامبودژا دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
" ئەينى چاغدا جۇڭگو ئىنتايىن خاتا دىپلوماتىك سىياسەت يۈرگۈزگەن "
ئامېرىكا روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر پروفېسسورى جۇ يۇڭدﯤ ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن مۇلاھىزىسىدە كيۇ سەنپاننىڭ ئۆز تەرجىمىھالىدا قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، "ئۇ دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئالدامچىلىقتۇر........قىزىل كىخمىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زامانىمىزدىكى دەۋر خاراكتېرلىك ۋەقەدۇر " دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى فاڭجيې بولسا قىزىل كىخمىرنىڭ سوتلىنىشىنى خىتايغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايدىغان خىتاي زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇ، "جۇڭگو ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىن پۇشايمان قىلىشى كېرەك. چۈنكى جۇڭگونىڭ 1979 - يىلى ۋېيتنامغا قارشى قوزغىغان ھەربىي ھۇجۇمى ئەمەلىيەتتە قىزىل كىخمىر رەھبىرى پولپۇتنىڭ يوقىلىش ئالدىدىكى كامبودژا كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى " دەيدۇ. 1978 - يىلى كامبودژا قىزىل كىخمىر ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى مۆتىدىللەر پولپۇتنىڭ رادىكال كوممۇنىزم سىياسىتىگە قارشى چىققان ھەمدە ۋېيتنام كومپارتىيىسىنىڭ ھەربىي ياردىمىدە پولپۇت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتاتتى.
خىتاي ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى مۇشۇ ۋەزىيەت ئاستىدا 1979 - يىلى چېگرىنى قوغداش نامى بىلەن ۋېيتنامغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. فاڭ جيې، ئەينى چاغدا جۇڭگو، ۋېيتنامنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قوزغاپ، كامبودژادا ئاغدۇرۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان پولپۇت ھۆكۈمىتىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇ، "ئەينى چاغدا جۇڭگو ئىنتايىن خاتا دىپلوماتىك سىياسەت يۈرگۈزگەن "دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى يىللاردا ۋېيتنامغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپلا قالماي، ئۇ يەنە پولپۇتنىڭ كامبودژادىكى قىزىل كىخمىر ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ كوممۇنالاشتۇرۇش سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان دۆلەت ئىدى. قىزىل كىخمىرنىڭ 1970 - يىللاردا يۈرگۈزگەن كوممۇنا سىياسىتى كامبودژا نوپۇسىنىڭ ئاز كەم 3 دەن بىر قىسىمىنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، دەپ قارالماقتا.
" كوممۇنىستىك دۆلەتلەردە خەلق تارىخنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ "
كامبودژادا قىزىل كىخمىرلار ھاكىمىيەت سورىغان يىللار خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا توغرا كېلەتتى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان سۇئاللارنىڭ بىرى، قىزىل كىخمىرنىڭ "نېمە ئۈچۈن ئۆز پۇقرالىرىنى بۇ قەدەر رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغانلىقىدۇر". روچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور جۇ يۇڭدﯤ، قىزىل كىخمىرلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئاتالمىش "ئىشەنچسىز ئۇنسۇرلارنى تازىلاش" نامىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ۋەھشىيلىك دەرىجىسى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا قارىغاندا كۆپ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى فاڭجيې مۇنداق دەيدۇ، "بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بىر سەۋەبى ئىشەنچسىز ئۇنسۇرلارنى تازىلاش بولسا، يەنە بىر سەۋەبى ئەسەبىي كوممۇنىستىك ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيىسى. بۇ ئىدېئولوگىيىدە ھەر بىر ئادەم كوممۇنىزم ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە بۇيىچە پىكىر قىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلار بولسا يوقىلىش ئوبىكتىدۇر." جۇ يۇڭدېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي كومپارتىيىسى پولپۇت ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا پولپۇت ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇردى.
ئەسلى كيۇ سەنپان باشچىلىقىدىكى قىزىل كىخمىر رەھبەرلىرىنىڭ سوتى خېلى بۇرۇنلا باشلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن كامبودژانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ھەمدە كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ قىزىل كىخمىر رەھبەرلىرىنى سوتلاش مەسىلىسىگە ئىستەكسىز مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى سوت كۈنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتى.
ئامېرىكىدىكى ئانالىزچىسى فاڭ جيې، بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:" نۆۋەتتە كامبودژادىكى كۆپچىلىك خەلق ئاممىسى بۇ مەسىلىگە ئۆتمۈشتىكى زۇلمەتلىك كۈنلەر، دەپ قارىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارنى سوتلاش مەسىلىسىگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ قېتىم سوت ئېچىلىشىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبچى بولدى. چۈنكى كوممۇنىستىك دۆلەتلەردە خەلق تارىخنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى رۇسىيىدە نۇرغۇن كىشىلەر ستالىن دەۋرىگە ئانچە نەپرەت قارىمايدۇ."
فاڭ جيې يەنە، "پۇقرالارنىڭ بۇ ئۇنۇتقاقلىقى كومۇنىستىك دۆلەتلەردە دېموكراتىك ئىسلاھات قەدىمىنىڭ كېچىكىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى،" دەپ كۆرسەتتى. كامبودژا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش سوت مەھكىمىسى قولغا ئالغان قىزىل كىخمىر رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە كيۇ سامفان ۋە دۇچې بىلەن بىرگە يەنە، قىزىل كىخمىرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىڭ سارى ۋە خانىمى، ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى يىڭ سىرىسلار بار. (ئەركىن)