ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى ئامېرىكا مەسئۇل دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشتى


2007.02.01

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن كانادادىن ئامېرىكىغا كېلىپ 31‏- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېغىنغا قاتناشقان، ئۆتكەن يىلى 6‏- ئايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى خادىملىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات كامىلە خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.