ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقىنى كەڭ - كۆلەملىك ئېچىش پىلانى مۇھىت ئەھلىنى ساراسىمغا سالماقتا
2007.12.24
خىتاي دۆلەت كابىنتى بۇ يىلنىڭ ئەتىياز پەسلىدە دۆلەت ئىشلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ، تەبئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپلا قالماي، كۆمۈر، رەڭلىك ۋە غەيرى رەڭلىك مېتاللار بايلىقىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى قارار قىلغاندىن بېرى، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنچىلىك ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. لېكىن مۇھىت ئەھلى بۇ قىزغىنلىقنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي مۇھىت ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش رولى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئوغۇز ئەپەندى ئامېرىكىدا مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى توغرىسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر ماگىستىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رادىئومىزغا بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
خىتاي غەيرىي رەڭلىك مېتاللار سانائەت باش شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنچىلىك ئىگىلىكىگە مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت بىڭتۈەن 10 - دىۋىزىيىسىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى 184 - پولكى بىلەن بېنتونىن قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىش سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنچىلىك ئىگىلىكىگە مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار خىتاي شىركەتلىرىنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر چەتئەللىكلەرنى مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىۋاتىدۇ.
بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاينىڭ ۋەنشياڭ پايچېكى چەكلىك شىركىتى بىر فرانسىيە شىركىتى بىلەن 50 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىپ، بايىنغولىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زۈلۈك ۋە ئاندالۇزىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش توختامى تۈزدى. شاڭخەي لوڭرېن مەرمەرچىلىك زىننەتلەش چەكلىك شىركىتى بولسا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىگە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قىممەتلىك تاش زىننەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقچى بولۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يۇقىرىقى شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغۇچى نۇرغۇن شىركەت - كارخانىلارنىڭ ئۆرنەكلىك بىر قانچىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا كلارك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت پەنلەر ماگىستىرى ئوغۇز ئەپەندى مەدەنچىلىك قىزغىنلىقىنىڭ مۇھىتنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش يىللىق مىقدارىنى يەتتە توننىلىق ئۆتكەلدىن ئاشۇرغان
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى