خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەجەللىك كان ۋەقەلىرىنىڭ ئازايماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

0:00 / 0:00
CHINA-MINE-BLAST-200.jpg
11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدە كان پارتلىشى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى. رەسىمدە فۇكاڭدىكى كان قۇدۇقىغا كىرىپ قۇتقۇزۇش ئالدىدا تۇرغان خادىملار. AFP

بۇ يىلنىڭ 3 - پەسلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا- ئارقىدىن چوڭ كان ۋەقەلىرى يۈز بەردى. 7 - ئايدا فۇكاڭدىكى شىنلۇڭ كۆمۈر كانىدا 87 ئادەم ئۆلدى، ئۆتكەن ئايدا باي ناھىيىسى، شىخۇ شەھىرى ۋە سانجىدىكى كۆمۈر كانلاردىمۇ ھەر خىل كان ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 30 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

كۆمۈر كان ۋەقەلىرى ئۆزۈلمەي يۈز بەرمەكتە

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەنە زاپاس ساقلانغان پارتلاتقۇچ دورا پارتلاپ كېتىپ، 11 ئادەم ئۆلگەن. ئۈچ ئادەم ئىز- دېرەكسىز يوقالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تارماقلىرى بولسا ئۆتكەن ھەپتە كاننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، 19 كاننى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىپ، يەنە 22 كاننى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇنىڭ ئالدىدىمۇ، يەنى 10 - ئاينىڭ باشلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 192 كاننى تاقاپ تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا خىتايدا كانلاردا ۋەقە كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىمەستىن، بەلكى 8.5% ئاشقان.

ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئەھۋالى ئېغىر

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى نېمە ئۈچۈن ئەجەللىك كان ۋەقەلىرىنى ئازلىتالمايدۇ؟

خىتايدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا خاردفورد ئۇنىۋېرسىتېنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى، دوكتور بۇرۇس ئەسپوسىتو ئەپەندى، كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنىڭ كۆپلىكىنىڭ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

…. كۆپ ھاللاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇنداق كانلار بىلەن چېتىشلىق. ئۇلار ياكى كۆمۈر كاننىڭ خوجايىنى ياكى كۆمۈر كاندىن مەنپەئەت ئالىدۇ. ئۇلاردىن بۇ كانلارنى تاقاشنى بۇيرۇش خۇددى قاراقچىلارنى بانكىنى ساقلاشقا قويغاندەكلا بىر ئىش.

"خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت، ئۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۇققۇز ئېيىدىلا 1 مىليارد توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنى قېزىپ بولدى. كۆمۈر خىتايدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى. تۇرمۇش ۋە سانائەتنى قامدايدىغان ئېنېرگىيىنىڭ تەخمىنەن 70% تىن 75% ئى كۆمۈردىن كېلىدۇ. ھالبۇكى بۇ كۆمۈرلەرنىڭ 40% ئى كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلاردىن كېلىدۇ. ۋەقە يۈز بېرىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇنداق كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلار. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ كانلارنىڭ يېنىغا جايلاشقان، قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. كۆپ ھاللاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇنداق كانلار بىلەن چېتىشلىق. ئۇلار ياكى كۆمۈر كاننىڭ خوجايىنى ياكى كۆمۈر كاندىن مەنپەئەت ئالىدۇ. شۇڭا ئۆتكەنكى 30 يىل ئىچىدە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كىچىك كانلارنى تاقاش ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. چۈنكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ كانلاردا مەنپەئەتى بار، ئۇلاردىن بۇ كانلارنى تاقاشنى بۇيرۇش خۇددى قاراقچىلارنى بانكىنى ساقلاشقا قويغاندەكلا بىر ئىش. ئۇلار تاقىمايدۇ".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ، يەنە يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللىنىپ، كان ئىشچىلىرى قۇدۇققا چۈشكەندە كاننىڭ مەسئۇل خادىملىرىنىڭ بىللە چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما بۇرۇس ئەسپىسىتو ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەدبىرنىڭ بەلكىم چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كانلاردا قىسمەن رول ئوينىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرىلىدىغان كىچىك تىپتىكى كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى بولمايدىكەن. كىچىك كۆمۈر كانلارنىڭ مەبلىغى ئاز، پەقەت مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىكنى ياخشىلاشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدىكەن.

بۇرۇس ئەسپىسىتو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كۆمۈركانلاردىكى مەسىلىلەرنى تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمايۋاتىدۇ. ئېنېرگىيىگە زور ئېھتىياجى بولغاچقا، ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى يېڭى قانۇنىنىڭمۇ ئەمىلىلىشىشى ناتايىن . چۈنكى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار دەل مەسىلە بار كۆمۈر كانلاردىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلار.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كانلارنى تاقاپ، 6 دىن 10 گىچە چوڭ، كەڭ كۆلەملىك كان رايۇنلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشنى ئويلاشماقتا. بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ، ئاشمايدىغانلىقىنى يەنىمۇ كۆزىتىش كېرەك.

كۆمۈر بايلىقىغا باي رايون

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى كۆمۈر زاپىسى ئەڭ مول رايون. قىسمەن مەلۇماتلاردا خىتايدىكى كۆمۈر كان زاپىسىنىڭ 40% ئى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بۇرۇس ئەسپوسىتو ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

"ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن كۆمۈر كان زاپىسى بار. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كۆمۈرسانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى، نېفىت ۋە تەبىئى گازلارنى ئېچىشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كانلار كۆپ قىسمى كىچىك تىپتىكى كانلار. قېزىلغان كۆمۈرلەرمۇ ئاساسلىقى يەرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك كانلار كۆمۈرلەرنى تازىلىماستىن ساتقاچقا، قېزىلغان كۆمۈرلەردە بۇلغىنىش تېخىمۇ ئېغىر".

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆمۈر يەنە ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە خىتايدىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولىدۇ. ئەگەر خىتاي ھازىرقى كۆمۈر كانلارنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمىسە، كۆمۈر كاندا ۋەقە يۈز بېرىش نىسپىتىمۇ تۆۋەنلىمەيدۇ.

خىتاينىڭ كۆمۈر كانلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈر كانلار ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر يىلى 4000 دەك كىشىنىڭ كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇرۇس ئەسپوسىتو ئەپەندىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ سان تېخى تۆۋەن مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتايدا ھەر خىل كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە يىلدا ئۆلۈدىغانلارنىڭ سانى 8000 غا يىتىدىكەن. (ئارزۇ)