ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى كاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

0:00 / 0:00
CHINA-MINE-BLAST-200.jpg
پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قۇدۇق ئاستىغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. AFP

تەڭرىتاغ تور بېتى ۋە شۇنداقلا خىتاي خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ 11 - ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11 - ئىيۇل كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇكاڭ شىنلۇڭ كۆمۈر كېنىدا تۇيۇقسىز گاز پارتلاپ كەتكەن.

65 ئادەم ئۆلگەن

خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلىۋاتقان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئەينى ۋاقىتتا قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەۋاتقان 87 كانچى ئارىسىدا قازا قىلغانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يەنى ئۆلگەن كانچىلار سانى دەسلەپتە ئېلان قىلغان 3 ئادەمدىن 65 كە كۆپەيگەن.

بىز فۇكاڭ شىنلۇڭ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، فۇكاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن مەزكۇر ئىدارىدىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قوپال ھالدا: "بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تور بېتتىن كۆرۈۋالسىڭىز بولدىغۇ، مەن يا نەق مەيدانغا بارمىسام، ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى نەدىن بىلەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيدانغا كەتكەنلەر تېخى قايتىپ كەلمىگەن تۇرسا! بىز بۇيەردە پەقەت جەسەت كۆيدۈرۈش قاتارلىق ئاخىرەتلىك ئىشلارغىلا مەسئۇل!" دەپ جاۋاب بەردى.

"تۇنجى قېتىملىق ۋەقە"

CHINA-MINE-BLAST-100.jpg

فۇكاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن قانائەتلەنگىدەك جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، بىز تېلېفوننى فۇكاڭ شىنلۇڭ شىركىتىگە ئۇلىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خۇ فامىلىلىك بىر باشقۇرغۇچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، فۇكاڭ شىنلۇڭ كۆمۈر كېنى 2000 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە شىنلۇڭ كۆمۈر كېنى قۇرۇلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر باشقۇرغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئىككى نەپەر قازاق ۋە 2 نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ، قالغانلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك خىتاي كانچىلىرى ئىكەن.

سۆھبەت جەريانىدا، مۇخبىرىمىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر كۆمۈر كېنىدا تۇيۇقسىز گاز پارتلاپ كېتىشتىكى سەۋەبنى سورىغىنىدا، ئۇ " بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيمەن، بىز ھازىر بۇ ھەقتە دەل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز" دەپ جاۋاب بەردى.

كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن دۆلەت

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئىھتىياجى كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكتىن، يەرلىك كۆمۈر كان تەمىنلەش ئورۇنلىرى ناھايىتى زور بېسىمغا ئۇچرىغان ھەمدە تېخىمۇ كۆپلەپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەلىرى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، قازا قىلغانلار سانى شىددەتلىك ئۆرلىگەن. مەسىلەن بۇلتۇرنىڭ ئۆزىدىلا خىتايدا قازا قىلغان كانچىلار سانى 6000 دىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 80٪ نى ئىگىلىگەن. بۇ يىلقى كان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى ھازىرغا قەدەر 1000 دىن ئاشقان. بۇ يىل يۈز بەرگەن كان ۋەقەسى ئىچىدە ئۆلگەن كانچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى، بۇ يىل 2 - ئايدا لياۋنىڭدا يۈز بەرگەن 214 نەپەر كانچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنجاۋەن كۆمۈر كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا قانۇنسىز قۇرۇلغان ھەمدە نازارەت قىلىش سىستېمىسى كەم بولغان كۆمۈر كانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەركۈنى دىگىدەك چوڭ - كىچىك كۆمۈر كان ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدىكەن.

گەرچە مەركىزىي بىخەتەرلىك كومىتېتى شەخسى كۆمۈر كانلارنى تاقىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بازارنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئىھتىياجى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، يەرلىك ئەمەلدارلار شەخسى كۆمۈر كان باشلىقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۆمۈر كان سودىسىنى يەنىلا قانۇنسىز ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر بولغان. (مېھرىبان)