فۇكاڭدىكى كاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 76 گە كۆپەيدى

0:00 / 0:00
CHINA-MINE-BLAST-200.jpg
قۇتقۇزغۇچى خادىملار كان ئاستىغا كىرمەكتە. AFP

تەڭرىتاغ تور بېتى شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئىيۇل كۈنى فۇكاڭ شېنلوڭ كۆمۈر كېنىدا تۇيۇقسىز گاز پارتلاش ۋەقەسى بىلەن قازا قىلغانلار سانى يەنىمۇ كۆپىيىپ، تۈنۈگۈنكى 65 دىن 76 گە يەتكەن . قالغان 7 نەپەر ئىشچىنىڭ ئىز -دېرىكى تا ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان .

نەق مەيداندىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، تېپىلمىغان 7 نەپەر ئىشچىنىڭ قۇدۇق ئاستىدىكى شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىدىن ئۈمىد يوق دىيەرلىك ئىكەن .

بىز 11 - ئىيۇل كۈنىدىكى كان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى بىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم فۇكاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە فۇكاڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق . لېكىن يەنىلا قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق . فۇكاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىم "ھازىر باشلىقلار ھەممىسى دىگىدەك يىغىندا، سىز بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىڭىزنى باشلىقلارنىڭ ئۆزىنى تېپىپ، شۇلاردىن سوراڭ" دەپ جاۋاب بەردى.

بىز تېلېفوننى فۇكاڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىغا ئۇلىغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم " بۇ مەسىلىگە بىز ياخشى جاۋاب بېرەلمەيمىز، ھەقىقىي سەۋەبنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن ئىزدىنىڭ" دەپ بىۋاستە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى .

شېنلوڭ كۆمۈر كېنى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان

خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يىجۇڭنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە فۇكاڭ شېنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان .

لى يى جۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇكاڭدىكى شېنلۇڭ كېنى بېسىمى يۇقىرى گازلىق كان بولۇپ، قۇدۇق ئاستىدىكى ھاۋا ئۆتۈش ئەسلىھەلىرى ناچار بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەمدە ئۇلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىمۇ قوللانمىغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر كۆمۈر كېنى بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

ئەسلىدىكى پىلان بويىچە: بۇ كاننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى 300 مىڭ توننا بولغان . بىراق دۆلەتنىڭ "يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 900 مىڭ توننىغا يەتمىگەن كانلارنى تاقاش كېرەك" دېگەن بەلگىلىمىسى بولغاچقا، شېنلوڭ كۆمۈر كېنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 900 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان . ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتكەن . دېمەك شېنلوڭ كۆمۈر كېنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى كۆپەيتىپ، ئىش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىۋەتكەنلىكتىن مەزكۇر ئېچىنىشلىق كان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان تورداشلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنلوڭ كۆمۈر كېنى ئىشلەپچىقىرىشنى ھەددىدىن تاشقىرى كۆپەيتىشتىن باشقا يەنە، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىگە قاتتىق خىلاپلىق قىلغان . مەسىلەن، ئۇلاردا ھەتتا كۆمۈر كان بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش كىنىشكىسىمۇ بولمىغان .

بۇ قېتىمقى كۆمۈر كان ۋەقەسىدىن خەۋەردار بولغان تورداشلار مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە . ئۇلار : " مەزكۇر ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورۇنلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئەمەلدارلار بىر - بىرىگە چاپان يېپىشماي، ئامما ئالدىدا، بولۇپمۇ مەزكۇر ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئالدىدا ئۆز گۇناھىنى تۇنۇشى كېرەك" دەپ بىلدۈرمەكتە .

يەنە بەزى تورداشلار: " تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان كۆمۈر كانلار پەقەت شېنلوڭ كۆمۈر كېنىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇنى بار . ئۇلار كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەتتىگەندىن كەچكىچە، پۇل تېپىشنىلا ئويلايدۇ . نۇرغۇنلىغان كان ئىشچىلىرى خەتەر ئاستىدا ئىشلەيدۇ . باشلىقلار بولسا ھەدىسە يۇقىرىغا ھەممىنى ياخشى دەپ دوكلات قىلىدۇ . پەقەت ۋەقە يۈز بەرگەندىلا، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاندىن ئاشكارىلىنىدۇ" دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە .

خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىمىز دەپ، 43 كۆمۈر كېنىنى تاقىۋەتتى . ئۇلار يەنە يېقىندا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى .

مەزكۇر ھۆججەتتە : " كان ئىشچىلىرىنىڭ قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەيدىغان ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك ھەمدە پات ئارىدا 6 سائەتكە قىسقارتىلىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن . شۇنداقتىمۇ 2004 - يىلى خىتايدا قازا قىلغان كانچىلار سانى 6027 بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 80٪ نى ئىگىلىگەن .

بۇ يىل بولسا 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە بولغان جەريانىدىلا 1113 نەپەر كان ئىشچىسى تۈرلۈك كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغان . بۇ قېتىم فۇكاڭدا يۈز بەرگەن كان پارتلاش ۋەقەسى، 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن . (مىھرىبان)