باي ناھىيىسىدە كان ئاستىدا قالغان 14 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان


2005.10.05

10 - ئاينىڭ 4 -كۈنى ئەتتىگەن باي ناھىيىسىنىڭ ياتۇر يېزىسىدا يۈز بەرگەن كان پارتلاش ۋەقەسىدە، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان 25 نەپەر ئىشچىنىڭ 11 ئى ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپ، قالغان 14 ئى كان قۇدۇغى ئاستىدا قامىلىپ قالغان ئىدى.

گەرچە تۈنۈگۈن قامىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئارىسىدا 5 ئىنىڭ جەسىتى قېزىپ چىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن قالغانلىرىنىڭ ئىز دېرىكى تېخى تېپىلمىغان ئىدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ چارشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە قامىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى قېزىپ چىقىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغان.

مۇخبىرىمىز پەرىدە مەزكۇر كان قۇدۇغىغا چۈشۈپ قامىلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا بىۋاستە قاتناشقان بىر نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.