خېيلوڭجياڭدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 148 كە يەتتى


2005.11.29

يەكشەنبە كۈنى كەچتە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك لوڭ كۆمۈر كان گۇرۇھىنىڭ تارمىقىدىكى چى تەيخې شىركىتى باشقۇرۇۋاتقان دوڭفېڭ كۆمۈر كېنىدا شىددەتلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ۋەقە كۆمۈر توزاڭلىرىغا ئوت كېتىشتىن كېلىپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا، كان ئاستىدا 221 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەچچە يۈزلىگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت بەشكىچە، ۋەقەدە 148 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان. يەنە، 3 ئادەمنىڭ ئىز ‏- دېرىكى تېپىلمىغان.

شىركەتتىكىلەر ۋەقەدىن خەۋەرسىز

مۇخبىرىمىز تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر شىركەتكە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئالغان بەزىلىرى، ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ شىركەتكە ئىش بېجىرىشقا كەلگەنلىكىنى، كان پارتلاشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى دوڭفېڭ كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 148 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چىتەيخې شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سېكرىتارلىق ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىم، ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى قەتئىي تىلغا ئالمىدى:

"تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇقمايمەن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمىدۇق. بۇ ھەقتە كىمنىڭ مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن. نەق مەيدانغا بارمىدىم. بىزنىڭ شەھەر باشلىقىمىز نەق مەيدانغا كەتتى. دۆلەت ۋە ئۆلكە رەھبەرلىرىمۇ بار. بۇ ئۆلكىلىك لوڭ گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى كان بولغاچقا، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزىۋاتىمىز ''

ھەر تەرەپلىمە خەۋەرلەر

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن، دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، ھەر قايسى جايلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە ئۆلگەنلەرنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەمما ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاغا يولۇققان بىر قىسىم كان ئىشچىلىرىنىڭ ئۇرۇق‏- تۇغقانلىرى قەھرىتان سوغۇقتا كاننىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يوقالغان توغقانلىرىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان. بۇ جەرياندا، ئۇلار كاننىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلگىرى‏- كېيىن بولۇپ، ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ئىدى. پەقەت مەخسۇس كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشقىلا 30 مىڭدىن ئارتۇق خادىمنى قويغان. ئەمما خىتايدا ئەجەللىك كۆمۈر كان ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتېستىكىلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2600 دىن ئاشقان. بۇ سان تېخى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە كان ئىگىلىرى تىل بىرىكتۈرۈپ يوشۇرغان كان ۋەقەلىرىنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ۋەقە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر

خىتايدىكى "شىمالىي تەرەپ تورى" قاتارلىق بىر قىسىم تور بەتلىرىدە، كىشىلەر، "ئەمەلدارلار ۋە كان ئىگىلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى" نىڭ كان ۋەقەلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەسلىكتىكى بىر تۈگۈن دەپ بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن چىتەيخې شەھىرىدە بۇ يىل 3 ‏- ئايدىلا بىر قېتىم كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 18 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، كان ئىگىسىنىڭ يەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكى پاش بولغان. گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلارنى كۆمۈر كانلارغا سالغان پاي چېكىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ كۆمۈر كانلارغا سالغان " پېيى" پۇل بولماستىن، ھوقۇق بولغاچقا، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆرۈلمىدى.

فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق، ئاتاقلىق خىتاي ئوبزورچىسى سەي زۇڭگو ئەپەندى ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، "ئەجەللىك كان ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىنى گۈمران قىلىۋاتىدۇ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان، ئالاقىدار كان ئىگىلىرى، كارخانا ۋە ھۆكۈمەتتىكى مەسئول خادىملارنى جازالاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچەملىرىگە توشمىغان كانلارنى تاقاش، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ۋاستىلار تولىمۇ يىتەرسىز. ئەگەر خىتاي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى پۈتۈنلەي ئىسلاھ قىلمىسا، ئىشچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرمىسا، خىتايدىكى كان ۋەقەلىرى ئازايمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.