خىتاي، دۇنيا بويىچە كان ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت


2005.12.14
CHINA-MINE-BLAST-200.jpg
11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدە كان پارتلىشى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى. رەسىمدە فۇكاڭدىكى كان قۇدۇقىغا كىرىپ قۇتقۇزۇش ئالدىدا تۇرغان خادىملار. AFP

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە،4 مىڭدىن ئارتۇق لاياقەتسىز كۆمۈر كانلارنى تاقىۋېتىش ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامناملىرىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، خىتايدا كۆمۈر كان ۋەقەلىرى يەنىلا ئارقا -ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئۆلگەنلەر سانى بارغانسېرى ئۆرلىگەن.

دۇنيادا كۆمۈركان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 80% تى خىتايدا

مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئۆزىدە خىتايدا يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 6000 دىن ئاشقان بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 16 ئادەم كان ۋەقەسىدە قازا قىلغان. خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر دۇنيادىكى ئومۇمى كۆمۈر مىقدارىنىڭ 35% نى ئىگىلىگەن، لېكىن كۆمۈر كان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى دۇنيا بويىچە ھېسابلىغاندا ئومۇمى ساننىڭ 80% نى ئىگىلىگەن. شۇڭا ھازىر خىتاي، دۇنيا بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەسى ئەڭ كۆپ ھەمدە يۈز بەرگەن كۆمۈركان ۋەقەسىدە ئادەم ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خوڭكوڭدىكى خىتاي ئەمگەكچىلەر ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى ماڭلونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا بازارنىڭ مەبلەغقە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپەيگەچكە، كۆمۈر كان باشلىقلىرى پايدىنى كۆزلەپ، كان ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن كارى بولمىغان. كۆپلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى كۆمۈر كان ئارقىلىق ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشىشنىلا ئويلىغان. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن كۆمۈر باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، پايدىمۇ شۇنچە كۆپ بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەشكىللىنىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان، مۇستەقىل ھالەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنسىز دەپ قارالغان.

ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كاندا ئۆلىدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى چېغىدا 9 يىل كان ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىنى ئەسلەپ، "خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كان ۋەقەلىرى پەقەت بۈگۈنكى كۈندىلا ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان كان ۋەقەلىرى بولسا خىتايدىكى ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق ۋە رەھىمسىزلىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ كۆمۈر كېنىدا ئىشلىگەن ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى" بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئۆتتى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى كۆمۈر كان ۋاقەسىدە ئۆلۈۋاتقان كان ئىشچىلىرى سانىمۇ دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى" دەپ بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كان ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇنداق بىر ئەھۋالنى، يەنى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرقايسى كانلارغا بېرىپ كان ئىشچىلىرىنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە كاپىتالىستقا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتى 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى كاپىتالىزم مەزگىلىدىكى ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئېشىپ كەتتى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ باھانىسى

ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان "ئۇلۇق ئېرا" گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا مۇنداق بىر قورقۇنچلۇق ئەھۋال ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى خىتايدىكى كۆمۈر كانلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن مەدىكارلار ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلار مەيلى ئىشلەپچىقىرىشتا بولسۇن ياكى بىخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى ئاشكارىلانغان.

"ئۇلۇق ئېرا" گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەھبىرى ۋىن جاباۋ يېقىندا سىلوۋاكىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كان ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ" دۆلەت تەرەققىياتى جەريانىدا، بۇنداق ۋەقەلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئوخشىمايدىغان جايلاردا ئوخشىمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تۇرغان گەپ" دەپ بىلدۈرگەن.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ۋىن جياباۋنىڭ بۇ گېپىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىپ" بۇنداق دېگەنلىك، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدۇر. بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى تۇرۇقلۇق، بۇنداق گەپنىڭ ئۇنىڭدەك بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا مەن بەكمۇ ھەيرانمەن ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن" دەپ بىلدۈرگەن.

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆزىدە يەنە " ئەگەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل كان ۋەقەلىرى ئامېرىكا ياكى فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن بولسا، دۆلەت رەھبىرى ئاللىقاچان ئورۇن بوشاتقان بولاتتى "دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.