0:00 / 0:00
كانادا باش مىنىستىرى پول پارتىن مەخسۇس تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، لېبىرال پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي سەتچىلىك توغرىسىدا كانادا خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە سوت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى فېدېرال ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆبەكتىكى فرانسۇز مىللەتچىلىرى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبىرال پارتىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كۆبەكتىكى فېدېرال تەشۋىقاتى ئۈچۈن 250مىلليون كانادا دوللىرى پۇل تەستىقلىغان. ئەمما، مەزكۇر پۇلنىڭ يېرىمىنى لېبىرال پارتىيىنىڭ كۆبەكتىكى قوللىغۇچىلىرى بۆلۈشىۋالغان. بۇ ئىقتىسادىي سەتچىلىك ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر پول مارتىن خەلقتىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان.