كانادادا خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن فىلىم ئىشلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى جان كېرىشنىڭ ئەينى چاغدا كۈبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە فېدېرال بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا ئاجراتقان 250 مىليون كانادا دوللىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سەتچىلىقلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، داشەن دەپ ئىسىم قويۇۋالغان مارك ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەينى چاغدا مەزكۇر مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىنى قوغداش تەشۋىقاتى ئۈچۈن 26 قىسىملىق فىلىم ئىشلەپ خىتايدا قويغانلىقى ۋە مۇكاپاتلانغانلىقى ئاشكارىلانغان.