كۋېبېكنىڭ كانادانىڭ ئىچىدىكى دۆلەت، دېگەن سالاھىيەتكە ئېرىشىشى مۇستەقىللىق ئۈچۈن باشقان بىر قەدەممۇ؟


2006.11.28
cubek-150.jpg
كۋېبېك مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى Gilles Duceppe 2006 – يىلى 9 – يانۋار كۈنى مونترېئالدا . AFP

كانادا پارلامېنتى بۈگۈن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ كۋېبېك (Quebec) نىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تەكلىپ لايىھىسىنى 16 ئاۋازغا قارشى 266 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن كانادا، كۋېبېكنىڭ كانادا فېدېراتسىيىسىدە قېلىش شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى.

Harper ھۆكۈمىتى كۇبېب مۇستەقىللىق دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەكلىپ لاھىئىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتسە، قارشى تۇرغۇچىلار بۇ تەكلىپ لايىھىسى كۋېبېك مۇستەقىلچىلىرىگە ئىلھام بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۋېبېك گۇرۇھى پارتىيىسى بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئۆزلىرىگە خەلقئارا سورۇنلاردا مۇستەقىل ئاۋازىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن Harper ھۆكۈمىتىدىكى خىتاي نەسلىدىن بولغان بىر مىنىستىرنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper پارلامېنتتا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كۋېبېكنى كانادا فېدېرال سېستىمىسى ئىچىدىكى بىر مىللى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كۋېبېك شىتاتى كانادادىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ شتاتتۇر. ئاساسلىقى فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بۇ شىتات ئۇزۇندىن بەرى كانادادىن ئايرىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. Harper نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، ئۇ، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كۋېبېكنى كانادا فەدەرال سېستىمىسى ئىچىدىكى بىر مىللى دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنغان.

كۋېبېك كانادا ئىچىدىكى مىللى دۆلەت، ئەمما مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس

مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا باسقان مۇھىم بىر قەدىمى، دەپ باھالىماقتا. كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ۋاقتىدا كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرغان پارتىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

Stephen Harper پارلامېنتنىڭ توۋەن پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە " كۋېبېك كانادا ئىچىدىكى مىللى دۆلەت. كۋېبېك بىرلىككە كەلگەن كانادانىڭ ئىچىدىكى بىر دۆلەتمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇنداق، كۋېبېك مۇستەقىل دۆلەتمۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ياق" دېدى. ئۇ سۆزىدە، كۋېبېكلىكلەرنىڭ كانادا دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشىنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سىياسى جەھەتتە كېلىشىشىنىڭ مەھسۇلى

Quebec.jpg

كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن لىبېرال ۋە يېڭى دېموكراتلار پارتىيەلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.. پارلامېنتتىكى يەنە بىر ئۆكتىچى پارتىيە - كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۋېبېك گۇرۇھى پارتىيىسى بۇ تەكلىپ لايىھىسىدىكى كۋېبېك كانادانىڭ ئىچىدىكى مىللى دۆلەت، دېگەن ماددىغا كۋېبېك نۆۋەتتە يەنىلا كانادانىڭ تەركىۋىدە تۇرماقتا، دېگەن سۆزنى قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

كۋېبېك مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى Gilles Duceppe دەسلەپتە، Harper نىڭ بۇ تەكلىپىگە كۋېبېكنىڭ سىياسى تەقدىرىگە پەقەت كۋېبېكلىكلەرلا قارار بېرەلەيدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسا، كېيىن بۇ تەكلىپ لايىھىسى كانادانىڭ سىياسى جەھەتتە باسقان دادىل بىر قەدىمى، شۇنداقلا كۋېبېك مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ غەلىبىسى دەپ ئىجابىي باھا بەردى.. بۇ تەكلىپ لايىھىسىگە قارشى تۇرغۇچىلار بولسا Stephen Harper نى دۆلەتنى پارچىلاش بىلەن ئەيىپلىمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كانادادىكى چوڭ گېزىتلەر Harperنىڭ كۋېبېكنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلسا، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى بولغان BBC Stephen Harper بۆلۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۋېبېك گۇرۇھى پارتىيىسى كۋېبېكنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتقا سۇنۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالدى، دەپ باھا بەردى.

كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە فرانسۇز تىلىدىكى “La Press” گېزىتلىرى باش ماقالا ئېلان قىلىپ، Harper نىڭ بۇ سۆزلىرىنى تارىخى خارەكتېرلىك ئىلگىرىلەش، دەپ باھالىدى. فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۋېبېك 1980 ۋە 1995-يىللىرى مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغانىدى.

1980 يىلىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا مۇستەقىلچىلەرنىڭ ئاۋازى 40. 44%، قارشى ئاۋاز 59. 56% بولغان بولۇپ، نەتىجىدە مۇستەقىلچىلەر مەغلۇپ بولغانىدى. 1995 - يىلىدىكى ئاۋازغا قۇيۇشتا بولسا، يېرىم پىرسەنتكە يەتمىگەن ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن يەنە مۇستەقىلچىلەر ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى..

كۋېبېك خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى تەلەپلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ

فېدېرال ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىۋاتقان كۋېبېك بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى مەلۇم جەھەتتىن سىياسى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە، لېكىن كۋېبېكنى ئاپتونومىيەنىڭ ئوبيېكتى بولغان فرانسۇزلار ئىدارە قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئاساسلىق ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىمۇ چەكلەنمەكتە.

ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ياۋروپاغا قىلغان سەپىرىدە كۋېبېكتە توختاپ ئۆتكىنىدە، بۇ ئىككى سىياسى تۈزۈلمە ۋە بۇ ئىككى رايون ھەققىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

"مەن مونترېئالغا كېلىپ، ئۆز تىلى، ئۆز يېزىقى، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرى بىلەن ياشاۋاتقان بەختلىك خەلقلەرنى كۆرۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تىلى، مەدەنىيىتى چەكلەنگەن، كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى بۇ يەردىكى فرانسۇزلار ۋە ھىندىئانلار بىلەن سېلىشتۇردۇم. بۇ خەلقلەر بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بەخىتكە، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىپتۇ. ئامما ئۇيغۇرلار زەمىن ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا زۇلۇمغا، مىللى تازىلىنىشقا ئۇچرىماقتا.

كانادا كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئاخىرى مەجبۇر بولىدۇ

جۈمە كۈنى پارلامېنتتىكى مۇنازىرىدە كۋېبېك گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى Gilles Duceppe "دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت" تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ مۇنداق دېدى:

"كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم كۋېبېكنىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىزنى ئىنتايىن خوشال قىلدى. بۇندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرمۇ بىزنى قوللايدۇ بىز كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈنلا كۆرەش قىلساق، كانادا كۋېبېكنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلىدۇ:.

كانادا چىقىدىغان لىبېرال قاراشتىكى Toronto Star گېزىتى Stephen Harper نىڭ سۆزلىرىنى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق، دەپ ئاتىدى. بۇ گېزىت Harper نىڭ بومبا خارەكتېرىدىكى بۇ سۆزلىرى ھەرگىزمۇ كۋېبېك مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. ھەتتا بۇ ئۇلارغا دۆلەتنى پارچىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. Harper نىڭ ئاقىلانە بولمىغان بۇ سۆزلىرى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ يوغىنىتىدۇ، دەپ يازدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىبېرال پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن Michael Ignatieff كۋېبېكنىڭ فرانسۇز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ كانادانىڭ باشقا يەرلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە كانادا ئاساسى قانۇنى بويىچە كۋېبېكنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى Stephen Harper تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەر تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشى بۇ لايىھىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىنىڭ سىگنالى ئىكەن.

مۇلاھىزىچىلەر كۋېبېك گۇرۇھى پارتىيىسىنىڭ كۋېبېكنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى يېقىندا يەنە بىر قېتىم ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كۋېبېك گۇرۇھى 308 كىشىلىك كانادا پارلامېنتىدىكى 51 ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، كانادادىكى ئۈچۈنچى چوڭ پارتىيە ھېسابلىنىدۇ. كۋېبېك شتاتىدا ھازىر 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.