كانادا 2011 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا كانادادا ئېچىلغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كاناداغا كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم كانادا تەرەپتىن، 2011 - يىلىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش تەكلىپىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما كانادا تەرەپنىڭ پۈتۈنلەي رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېرنىڭ باياناتچىسى دىمىترى سوئۇداس نىڭ كانادا مەتبۇئات ساھەسىگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتاۋا 2011 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنى تامامەن چېكىندۈرۈپ چىقىدىكەن ، ئەمما ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاساسى كۈچىنى قارىتىش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.

ھىللارىي كىلىنتوننىڭ كانادا س ب س تېلېۋىزىيىسىنىڭ سىياسى ئىشلار پروگراممىسىغا بەرگەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ كانادانىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق ھالدا ئەسكىرى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىنى خالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىدىن كېيىن، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرەنس كانون مەتبۇئات ساھەسىگە بايانات بېرىپ، كانادانىڭ 2011 - يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا ‏ - كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە ھېچقانداق كۆلەڭگە چۈشۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە باش مىنىستىر ستەۋەن ھارپېر بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، كلىنتون خانىم ھارپېردىن كانادانىڭ 2011 يىلىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئەسكىرى مەشىق ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق قېلىپ ئامېرىكىغا ياردەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم. ھىللارىي يەنە، كانادا ئەسكەرلىرىنى ماختىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا ماسلىشىپ ئىشلەش روھىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

كانادانىڭ ھازىر ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدە 2900 ئەسكىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ، كانادادىكى كۆپلىگەن سىياسى پارتىيىلەر، 2011 - يىلىدىن كېيىن كانادانىڭ ئافغانىستاندا ئىزچىل ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايدىكەن.

ئانالىزچىلار ھىللارىي خانىمنىڭ كانادا تەرەپتىن بۇنداق بىر تەلەپتە بولۇشتىكى مەخسىتىنى ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە پەيدا قىلىش ئۈچۈن دەپ قارىماقتا ئىكەن.

يېقىندا كانادا پارلامېنتىمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندىھار ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2011 - يىلىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.

ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 9 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، كانادا ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر كانادانىڭ ئافغانىستاندا 141 ئەسكىرى ۋە بىر دىپلوماتى ئۆلگەنلىكى مەلۇم. كانادا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئەسكەر ئەۋەتىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بولۇپمۇ نيۇيورك ۋاقتى قاتارلىق گېزىتلەر، ئافغانىستان مەسىلىسى بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ئېكولوگىيىسى مەسىلىسىنى كانادا باش مىنىستىرى ستەۋىن ھارپېرنىڭ ئالدىدىكى ئىككى چوڭ سىناق دەپ مۇلاھىزە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا قانداقتۇر ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئىچىدىكى سانائەتلەشكەن كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت