كانادا ھۆكۈمىتى دىكتاتور بىن ئالىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ كانادادا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كانادا ھۆكۈمىتى تۇنىسنىڭ ئاغدۇرۇلغان دىكتاتورى بىن ئالىنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى مىلياردېر بېلھاسسېن ترابېلسىنىڭ كانادادىكى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كانادادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2011.01.31
Stephen_Harper_by_Remy_Steinegger-305 2010-يىلى 28-يانۋار, كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper.
en.wikipedia.org

تۇنىسنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلغان دىكتاتور بىن ئالىي، خەلقنىڭ بىر ھەپتە داۋام قىلغان ئىسيانىدىن كېيىن 14 -يانۋار كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاچقان ۋە بۇنىڭ بىلەن تۇنىستا ئۇنىڭ 23 يىللىق دىكتاتورىلىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنىدى.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper دىكتاتور بىن ئالىي جەمەتىنىڭ كانادادا قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "كانادا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنىسنىڭ بۇرۇنقى دىكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. كانادا بىن ئالىي جەمەتىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كانادادا ياشىشىنى قارشى ئالمايدۇ" دېگەنىدى.

دىكتاتور بىن ئالىنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى بولغان ترابېلسى ۋە ئائىلىسىدىكى 6 كىشى 20-يانۋار كۈنى، شەخسى ئايروپلانىغا ئولتۇرۇپ، كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىگە قېچىپ كەلگەنىدى. تۇنىسنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى ھېسابلىنىدىغان مىلياردېر بېلھاسسېن ترابېلسىنىڭ كانادادا زور مىقداردا مال-مۈلكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ترابېلسى قېينى ئاكىسىنىڭ پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۇنىسنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بانكا ۋە ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ساھەلىرىنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇل ئاقلاش جىنايەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا...

يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇنىس ھۆكۈمىتى 26-يانۋار كۈنى، ترابېلسى ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنىڭ پارىخورلۇق ۋە قانۇنسىز يوللاردىن كەلگەنلىكى ۋە بۇ مال-دۇنيانى چەتئەلگە قانۇنسىز يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادا دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ كانادادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. كانادا ھۆكۈمىتى تۇنىس ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئالدى بىلەن ترابېلسىنىڭ كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزاھلىشىچە، ترابېلسى كانادادا مەڭگۈ ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 5 يىل ئىچىدە ھېچبولمىغاندا 2 يىل كانادادا ياشىمىغان. كانادا قانۇنى بويىچە، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كىشى، 5 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى يىل كانادادا قېلىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ بۇ سالاھىيىتى ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىدۇ.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Lawrence Cannon ترابېلسىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېساب نومۇرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ترابېلسىنىڭ مونترېئالدىكى ئادۋوكاتى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: "ئۇلار كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلىدى. بىز ئۆز ۋاقتىدىلا بۇ كىشىلەرنىڭ كانادادا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدۇق. ھەممىگە مەلۇمكى، كانادا قانۇن دۆلىتى. بىز ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز." دېدى.

ترابېلسى ئائىلىسىدىكىلەر سىياسىي پاناھلىق تىلەشتىن ئىلگىرى، مىنىستىر لاۋرەنچە كاننون، كانادانىڭ ترابېلسىنىڭ مال-دۇنياسىنى توڭلىتىشتىن باشقا، يەنە ئۇنى تۇنىس دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ترابېلسى ئائىلىسىنىڭ كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلىشى بىلەن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانى ۋاقتىنچە سوغا چىلاشتى.

كانادا قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، كانادا سوت مەھكىمىسىنىڭ ترابېلسىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى تەكشۈرۈپ، ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىشىغا بىرقانچە يىل كېتىدۇ. بىن ئالىنىڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ كانادادا ياشايدۇ، ئۇلارنىڭمۇ كانادادا زور مىقداردا مال-مۈلۈككە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ترابېلسى ئائىلىسىنىڭ بولسا كانادا ھەشەمەتلىك قورۇقلىرى ۋە خۇسۇسى ئايروپىلان ئىستانسىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دىكتاتور بىن ئالىي جەمەتى 20 نەچچە يىل تۇنىس دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، دۆلەتنى مافىيا شەكلىدە باشقۇرۇپ كەلگەنىدى. تۇنىستا بىن ئالىي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنىڭ ئىسيانى بىلەن غۇلاپ چۈشۈشى، مىسىر ۋە باشقا دىكتاتور دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئىلھام بەرگەن بولسا،دۇنيادىكى بارلىق دىكتاتورلارنى چۆچۈتتى. خىتاي بولسا تۇنىس ۋە مىسىر خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيانلىرىنى خەۋەر قىلىشقا قاتتىق چەكلىمە قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.