كانادانىڭ كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سىياسىتىدىكى قانۇنى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى

«كاناداننىڭ پۇقرالىقى پۇلغا سېتىلىدىغان نەرسە ئەمەس» مانا بۇ، كانادانىڭ كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار مىنىستىرى جاسون كېننىنىڭ، يېقىندىن بېرى كانادا پۇقرالىرىنىڭ سۈپىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان، بىر يۈرۈش قانۇن ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2012.10.03
canada-kochmen-kanada-graphic-305.jpg كانادادىكى كۆچمەنلەر ۋە مۇددەتسىز تۇرۇش سالاھىيىتى بولمىغانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆرسەتمىسى.
en.wikipedia.org

مىنىستىر جاسون كېننى ئالدامچىلىق بىلەن كاناداغا ئولتۇراقلىشىپ كۆچمەن بولغان ۋە پۇقرا بولماقچى بولغان شەخسلەر ئۈستىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 11000 كۆچمەن گۇمانلىق دەپ قارالغان. جاسون كېننى ئۆتكەن ھەپتە، كاناداغا ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىدە ئالدامچىلىق قىلىپ پۇقرالىققا ئېرىشمەكچى بولغان 530 كىشىگە خەت ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر بۇنىڭ ئىچىدىن ئاللىقاچان 19 كىشىنىڭ پۇقرالىقى رەت قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادانىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىر جاسون كېننى: «5000 غا يېقىن كاناداغا ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچمەنلىك دوكۇمېنتىنى ئالغان كىشىنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسلىرىدا، ئۆزلىرى توغرىلىق كانادا ھۆكۈمىتىگە يالغان مەلۇمات بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى. بىز يەنە 2500 دىن ئارتۇق كۆچمەننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز.» دېگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر كانادا سىرتىدا ئىكەن. ئەگەر ئۇلار كاناداغا كىرىپ پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلسا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

كانادا دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇمات قىلىشىچە، كانادانىڭ ئاھالىسى 2006-يىلدىن 2011-يىلىغىچە 5.9% ئۆسكەن بولۇپ، گ 8 دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە نوپۇسى ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگەن. كانادانىڭ نوپۇسى كۆچمەن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىق كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.

مىنىستىر جاسون بۇلتۇر ئالدامچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆچمەنلىك ئىلتىماسىغا ياردەم بېرىش شىركەتلىرىنى چەكلەشنى، بۇنىڭ، كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قوغداپلا قالماي، كانادا كۆچمەنلىك سىياسىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، توي قىلىش ئارقىلىق كۆچمەن بولۇش پروگراممىسىنى چىڭىتىش، كۆچمەنلەرنىڭ كۆچمەن بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنگلىزچە ياكى فرانسۇزچىنى چوقۇم ياخشى بىلىشى ۋە بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىنى قاتتىق شەرت قىلىش دېگەندەك بىر قاتار قانۇن ئۆزگەرتىشلەرنى يۈرگۈزگەن. نۇرغۇن كانادالىقلار ئۇنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ، كانادادىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئەمەس، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن رازى بولغان. ئەمما بىر قىسىم كۆچمەنلىك ئىلتىماس قىلغۇچىلار، كۆچمەنلىك قوبۇل قىلىشتىكى قاتتىق تۈزۈملەردىن ئەندىشە قىلىپ كۆچمەنلىك ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغان.

جاسون كېننى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملەرگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھەققىدىكى يېڭى قانۇن بۇ يىلنىڭ ئاخىرى يەنى 2012-يىلى 12-ئايدا يۈرگۈزۈلىدۇ. يېڭى قانۇندا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سوتقا ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت قىسقارتىۋېتىلگەن، بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوتقا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ۋاقىت بېرىلگەن. شۇنداقلا، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ھەقسىز قانۇنى ياردەملەرمۇ قىسقارتىلغان.

كانادا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىش ماكانىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش كانادانىڭ پاراۋانلىق سىياسىتىگە مەپتۇن بولۇپ ئەمەس بەلكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە باستۇرۇشىدىن قېچىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەردۇر.

خىتايدىن ئىبارەت پاكىت ۋە ئىسپاتلارنى ئېلىپ كېلىش ئىنتايىن قىيىن ۋە شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت، ھەمدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك تەلەپ قىلىدىغان بىر دۆلەتتىن كېلىپ پاناھلىق تىلەيدىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، يېڭى قانۇندىكى، سوتقا سۇنىدىغان ئىسپاتلارنى تەييارلاپ ئەرزنى سوتقا سۇنۇشقا بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ كۆپ مىقداردا قىسقارتىۋېتىلىشى، قانداق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟

بىز كانادا كۆچمەن سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى كانادادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر كۆرۈشمىدە مىنىستىر جاسون كېننىنى قىسقىچە زىيارەت قىلدۇق.

مىنىستىر جاسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، يېڭى قانۇننىڭ ھەقىقىي پاناھلىق تىلەشكە ھەقلىق ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كانادادا قانۇنلۇق تۇرۇش جەريانىدا پاناھلىق تىلەشكە قارار بەرگۈچە ۋاقتى بارلىقىنى، قارار بەرگەندىن كېيىن، سوتقا سۇنۇشقا بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ قىسقا بولۇشى، ئەگەر پاناھلىق ھەقىقىي بولسىلا، تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق بىر سىستېمىنى پۈتۈنلەي مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمىغاچقا، بىرىنچى قېتىملىق ئىلتىماسىدا ھەقسىزلىق قىلىنىپ رەت قىلىنىدىغانلارنىڭ يېڭى قانۇن بويىچە سوتنىڭ قارارى ئۈستىدىن تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەرز قىلىش پۇرسىتى بولىدىغان بولغاچقا، كەم قالغان ماتېرىياللىرىنى ئۆزىگە بېرىلگەن قارار توغرا بولمىدى دەپ قىلىنغان ئەرزدە تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈشكە تاپشۇرسا بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋاقىت قىسقارتىلمىسىنىڭ پاناھلىقى ھەقىقىي بولغانلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى تېجەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئالدامچىلىق قىلىپ پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق كانادادا ئولتۇراقلاشماقچى بولغانلار ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بىز يەنە كانادادىكى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقان كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئادۋوكاتى پامىلا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

پامىلا خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان، يەنى خەتەر ئىچىدىكى، پاناھلىقى ئەڭ تېز قوبۇل قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر خەلق. ئەمما خىتايغا سېتىلغانلارنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ كۆزدىن يىراق قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولسا، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سوتىغا دەرھال بىۋاسىتە ئارىلىشىشقا ۋە پاناھلىقى ھەقىقىي بولمىغان بۇ پاناھلىق تىلىگۈچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پامىلا خانىم يەنە، ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە مۇنداق دەپ تەۋسىيە قىلدى:‏
-ئەرزىڭىزدە ھېچنەرسىنى قالدۇرماي تولۇق يېزىڭ، ئەمما مۇبالىغە قىلىپ ئاشۇرۇۋەتمەڭ. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆزىڭىز ئۇچرىغان كەمسىتىش، تەھدىت ۋە زۇلۇمىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئامالنىڭ بارىچە يىغىشقا تىرىشىڭ. سىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادۋوكاتلار ۋە مەسلىھەتچىنىڭ چوقۇم كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.