گاۋ شەن دېلوسى يەنە بىر لەي چاڭشىڭ دېلوسىغا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟

2007-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى كانادا دائىرلىرى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن بىر مىليارتتىن ئوشۇق خىتاي پۇلىغا خىيانەت قىلىش ۋە بۇ پۇلنى كاناداغا يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ سابىق شۆبە مۇدىرى گاۋ شەننى كېپىلگە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كانادا دائىرلىرى 1-ئاينىڭ 18-كۇنى ۋانكوۋەر شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق گاۋ شەن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كانادانىڭ كۆچمەنلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە گاۋ شەننى قولغا ئېلىشنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىغگا قارىغاندا گاۋ شەن سوراق جەريانىدا خىتاي دائىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان. تەھلىلچىلەر گاۋ شەن دېلوسىنىڭ لەي چاڭشىڭ دېلوسىغا ئوخشاش قانۇنى تەرتىپلەرنىڭ يەنە بىر نەچە يىلغا سوزۇلۇش مۈمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

گاۋ شەن كاناداغا كوچمەن بولۇش ئۇچۇن ساختىلىق قىلغان

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرىشىچە، گاۋ شەن كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئانكىتقا بانكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تولدۇرمىغان. ئەگەر كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مۇساپىرلار سوتى گاۋ شەننىڭ ھەقىقەتەن چېگرىدىن كىرىش شەرتلىرىگە توشمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارسا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن ۋە خىتايغا قايتۇرۇلىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنى كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە گاۋ شەننىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى قاتناشقان مۇنازىرىدە سوتچى گاۋ شەننى شەرت بىلەن قويۇپ بەردى.

بۇ شەرتلەر ئۇ ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىنى قويۇپ بېرىش كاپالىتى سۈپىتىدە گۆرۈگە قويۇش، ھازىرقى ئادرېسىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ھەپتىدە ئىككى قېتىم كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە رەسمىي قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ خىتاي پاسپورتىنى كانادا دائىرلىرىگە تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گاۋ شەننىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان ۋە ئۇ، خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئادىل سوتلانماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئادۋۇكات Renlisen "گاۋ ئەپەندى كانادانىڭ ئەدلىيە سېستىمىسىغا ۋە قانۇن تۈزۈمىگە تولۇق ئىشىنىدۇ ھەمدە ئۇ، بۇ ۋەقەنىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنىڭ قانۇن تەرتىپلەر ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى تولۇق"، دېدى.

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۇپ بېرىش ئەھدىنامىسى يوق

كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن ماتىرياللارغا قارىغاندا، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن گاۋ شەن بۇرۇن جۇڭگو بانكىسى خاربىن شەھىرىدىكى مەلۇم شۆبىسىنىڭ مۇدىرى بولغانىكەن. گاۋ شەننىڭ ئايالى 2002-يىلى تېخنىكىلىق كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلىپ، كاناداغا يەرلەشكەن. گاۋ شەن بولسا 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كاناداغا كېلىپ، كانادانىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ۋە كېيىن خىتايغا قايتقان. ئۇ 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كاناداغا كەلگەندىن بېرى ۋانكوۋەر شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋ شەننىڭ خەرىدارلارنىڭ ئامانەت قويغان پۇللىرىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىغان 2005-يىلى 1-ئايدىن بەرى سۈكۈت قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئالدىنقى ئايدىلا كانادا دائىرلىرىدىن ئۇنى قولغا ئېلىشنى ۋە ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامما كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەلەپ پەقەت سۆھبەتلىش يولى ئارقىلىقلا بولىدىكەن. بۇ كانادادا ئوتتۇرىغا چىققان شيا مېن يۇەن خۇا ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن كېيىنكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر چوڭ ئىختىسادىي دېلو ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى: گاۋ شەن بىر مىليارد خىتاي پۇلىغا خىيانەت قىلغان ۋە بۇ پۇلنى كاناداغا يۆتكەپ كەتكەن

خىتاي دائىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1991-يىلى جۇڭگو بانكىسىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان گاۋ شەن ئۇ خىتايدىن ئايرىلغىچىلىك خاربىن شەھىرىدىكى بۇ بانكىنىڭ مەلۇم شۆھبىسىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. خىتاي دائىرلىرى ئۇنى بانكىنىڭ تامغىسىنى ياساش، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ شىركەتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ۋە مۇشتىرىلارنىڭ ئامانەت قويغان بىر مىلياردتىن ئوشۇق پۇلغا خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئامما كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ھازىرغىچە بۇ قەدەر غايەت زور پۇلنىڭ نەدىلىكىنى تاپالمىغان، گاۋ شەننىڭ ئىسمى بىلەن ھەم كانادادا ھېچقانداق بانكا ھېسابى ۋە باشقا ئاممىۋى ھېسابلار بايقالمىغان.

گاۋ شەن ھازىر ۋانكوۋەردىكى 500 مىڭ كانادا دوللىرى قىممىتىدىكى تۇرالغۇدا تۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئۆينى كانادا بانكىسىدىن 320 مىڭ دوللار قەرىز ئېلىپ سەتىۋالغانىكەن. كانادا مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ كانادادا ناھايىتى ئاددى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

گاۋ شەن دېلوسى لەي چاڭشىڭ دېلوسىدىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى مۇساپىرلار سوت مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سوت ئېچىپ، گاۋ شەننىڭ چېگرىدىن كىرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكىنىڭ تەكىتلىشىچە، گاۋ شەن چېگرىدىن كىرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلسا، كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى ئۇنى خىتايغا قايتۇرىدىكەن. ئامما گاۋ شەننىڭ يەنىلا يۇقۇرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر گاۋ شەن يوقۇرىغا ئەرز سۇنسا، بارلىق قانۇنى تەرتىپلەر بىرنەچە يىل داۋام قىلىدىكەن. يۇەنخۇا دېلوسىنىڭ ئاساسلىق گۇماندارى لەي چاڭشىڭمۇ 8 يىلدىن بەرى قانۇنى يولى ئارقىلىق كانادا قېلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن گاۋ شەن ۋە ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ لەي چاڭشىڭ دېلوسىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى "قۇلماق" شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئەكرەم ئەيسانىمۇ كانادادىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپى كانادا دائىرلىرىنى ئىشەندۈرەلمىگەنىدى. خىتاي دائىرلىرى ئەكرەم ئەيسانى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى ۋە 300 نەچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چېگرىدىن قانۇنسىز يول بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتتى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى كانادانى خىتايدىن قاچقان خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ پانالىنىدىغان جەننىتىگە ئايلىنىپ قالدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولسا، كانادا مەتبۇئاتلىرى پارىخور ۋە خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە قېچىشىغا، خىتايدىكى دېموكراتىيىگە يات بولغان، چىرىك ۋە دىكتاتور تۈزۈمنىڭ سەۋەپچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇيغۇر تەھلىلچىلەر بولسا، گاۋ شەن دېلوسى، كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى كوزىرىنى كۈچلەندۈرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت