
كانادادىكى كبك تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر ئانالىز سەھىپىسىدە Ashifa Kassam ئىسىملىك ئايال يازغۇچىنىڭ "خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
Ashifa Kassam كانادادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ۋە خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختا ئوينىغان رولى ۋە ئۇلارنىڭ يىپەك يولى سودىسىغا قوشقان تۆھپىلىرىدىن سۆز ئېچىش بىلەن بىرگە خىتاي ۋە موڭغۇل تارىخىدىكى پادىشاھلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كۆرسەتكەن ھۆرمەتلىرىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. شىئەن شەھىرىدىكى 3 ئەسىر ئىلگىرى سېلىنغان، 60 مىڭ كىشى سىغىدىغان ھەشىمەتلىك جامىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 20 مىليوندىن 40 مىليونغىچە ئىكەنلىكى ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن مەدىنىيەت، تىل ئەنئەنە جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
Ashifa Kassam ماقالىسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزنى مۇنداق باشلايدۇ: "بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇڭگانلارغا ئائىت. كوممۇنىست خىتايدا تۇڭگانلار بەلگىلىك دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىنغان بولسىمۇ، ئامما مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ ئامەتتىن بەھرىمان بولغىنى يوق. خىتاينىڭ غەربى شىمال چېگرىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر".
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نوپۇس ستاتىسىكىسى گۇمانلىق
ئاپتور دەسلىپىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
"خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانىنى 9 مىليون، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 18 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ".
"ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى مەركىزى ئاسىيا ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغانلىقىدۇر. تىبەتلىكلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1949-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرغاندىن بەرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى پىلانلىق يوقىتىپ كەلمەكتە. ئامما تىبەتلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى بولسا، تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ مەسىلىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ئامما ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈلگىنى يوق. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە سېھىر كۈچكە ئىگە داھى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىنى قوللايدىغان داڭلىق ھوللېۋۇد چولپانلىرى يوق. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى دۇنيادا بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس".
ئۇيغۇرلار يېقىنقى زاماندىلا مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان خەلق
Ashifa Kassam ماقالىسىدا ئۇيغۇرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرى قۇرغان دۆلەتلەرگىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىدۇ: "1930 ۋە 1940-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، ئامما بۇ دۆلەتلەر قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بەئىجىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى كونترول قىلىشقا باشلىغاندىن بەرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشتى. بولۇپمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى بىلەن، بۇ قارشلىق ھەرىكەتلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە"
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى بوغۇلماقتا
ماقالە ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىنلىكلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە قارىتا قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئالماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىمۇ چەكلەنمەكتە. كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى مەنى قىلىنماقتا. مەسچىتلەرگە قارىتا ئىنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىش، كۈزىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا، دەپ يازىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالغان ماقالە ئاپتورى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشنى نىشان قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يازغۇچى- شائىرلىرى تۇرمىلارغا تاشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان تارىخ كىتاپلىرىمۇ چەكلەندى. گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى ئۆزگەرتىپ، بۇ رايوندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي تىلىنى قوللىنىشنى يولغا قويدى، دەپ بايان قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرمەكتە
Ashifa Kassam ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە چەتكە قېقىلىشىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ئىلھام بەرمەكتە ۋە ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بايلىق مەنبەلىرى مول بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈرۈپ كەلمەكتە. 1949- يىلى خىتايلار بۇ رايوندىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 6% نى ئىگىلىگەن بولسا، 1978-يىلىغا كەلگەندە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 40 %گە چىقتى. كۆچمەن خىتايلارغا كۆپىنچە، ئالاھىدە ئىمتىيازلىق خىزمەتلەر بېرىلگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلغان خىتايلار بولسا، ئۇيغۇرلاردىن يوقىرى مۇئاش ئالماقتا، دەپ يازىدۇ.
ئۇيغۇرلار 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرى
ئاپتور ماقالىسىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنى قوللىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەتتەرلەشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللى ئاڭنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ھازىر خىتاي دائىرلىرى بۇ رايوندا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ قولغا ئالماقتا. يېقىندا ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ كېتىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل بۇلاردىن بىرى، دەپ يازىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سىياسى پارتىيە قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزبەكىستاندىن تۇتۇپ كەتىلگەنلىكى، ھازىر خىتايدىكى مەخپى بىر يەردە سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۈندىمەي جىم تۇرىۋالغانلىقى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم ئەسىرلىك دەرت - ھەسرەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
Ashifa Kassam ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ سىياسى جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتايدىكى بىردىن- بىر رايون ئىكەنلىكى، بدت ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)