كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 27-كۈنى ئاشكارىلىشىچە،نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك بانا-سەۋەپلەر بىلەن خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە قولغا ئېلىنغان كانادالىقلارنىڭ سانى 50 كە يېقىنلاشقان.كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا قوش دۆلەت پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن خوڭكوڭنى زىيارەت قىلغاندا، كانادا پاسپورتىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىگىنى،ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلار بەھرىمەن بولىدىغان كونسۇل مۇلازىمىتىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدىمۇ، ئەسلىدە خىتاي پۇقراسى بولغان كانادالىقلارنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا،خۇسۇسي بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىگىنى،خىتاي پۇخرالىقىدىن كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن قوش دۆلەت پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە كانادالىقلارنىڭ، خىتايغا كىرگەندە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كانادا تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان
كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1999-يىلى ئىمزالانغان "كونسۇل ئەھدىنامىسى"دا كانادا ۋە خىتايدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە كىشىلەر كانادا پاسپورتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، كانادا پۇقراسى مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ،دېيىلگەن.
كانادا قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. كانادانىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى سىياسىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كانادا ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا كانادادا قوش دۆلەت پۇخرالىق سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قالدۇرۇلماسلىق مەسىلىسى ئىزچىل مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.
تەھلىلچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقى سالاھىيىتى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ۋە كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا يول قويمىغاندىن كېيىن كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇل ئەھدىنامىسى ئاساسەن قانۇنى كۈچىنى يوقاتتى، دەپ قارىماقتا.
كانادا پۇقرالىرنى خىتاينى زىيارەت قىلىشتا ئاگاھلاندۇردى
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بېرنارد ڭۇيەننىڭ كانادا مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە،ھازىر 47 نەپەر كانادا پۇقراسى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە قولغا ئېلىنغان.ئامما بۇ باياناتچى بۇنىڭ ئىچىدە قانچە نەپىرىنىڭ خىتاي پۇخرالىقىدىن كانادا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن كانادالىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.ئۇ بۇ 47 نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەپلىرىنىڭ قانۇنسىز بۇيۇملارنى خىتاي چېگرىسىدىن ئەكىرىش،ئومۇمنىڭ مۈلكىگە زىيان سېلىش،قانۇنسىز ئۇسۇلدا پۇل ئالماشتۇرۇش دېگەندەك جىنايەتلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
باياناتچى خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كانادا پۇقرالىرى ئىچىدە قانچىسىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ۋە بۇلار ئىچىدىن قانچە نەپىرى ئۈستىدىن جىنايى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.ئامما ئۇ چەتئەللەردە پېشكەللىككە يولۇققان كانادا پۇقرالىرىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇلارنىڭ كونسۇل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:" بىراق بىزنىڭ پۇقرالىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى دۆلىتىگە بارغاندا قوش دۆلەت تەۋەلىكى ئېتىراپ قىلىنمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ..بۇ دۆلەتلەردە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە پۇقرالىرىمىزغا كونسۇل ھوقۇقى جەھەتتە ياردەم قىلىشتا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىمىز. شۇڭا كانادا پۇقرالىرى خىتاي ۋە خوڭكوڭغا بارماقچى بولسا،كانادا پاسپورتىنى ئىشلىتىشى كېرەك.كانادا پاسپورتىنى قوللانغانلار پېشكەللىككە يولۇققاندا،كانادانىڭ كونسۇل ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.گەرچە ئۇلار ۋىزا جەھەتلەردە ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ،" دېدى.
47 نەپەر كانادالىقنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشى كانادا ئۈچۈن ياخشى خەۋەر ئەمەس
كانادادىكى سىياسى ئانالىزچى شېڭ شۈئېنىڭ قارىشىچە 47 نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى كانادانىڭ دۆلەت ئوبرازىغا تاقىلىدىغان مەسىلە بولۇپ، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈمنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن: "مېنىڭچە،بۇ مەسىلە خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە جىددى تەسىر كۆرسىتىدۇ. كانادا بۇ مەسىلىدە خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىشى كېرەك. كانادا پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدە بۇنداق ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىشى ئەمىليەتتە كانادانىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە،ئۇنىڭ دۆلەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.خىتاينىڭ ئوبرازىغىمۇ ھېچقاچان پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈزۈمنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ،" دەيدۇ.
خىتاي ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىغا خىلاپلىق قىلدى
خىتاي دائىرلىرىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنى رەت قىلىش بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇل ئەھدىنامىسى ھەققىدە تالاش- تارتىش كەسكىنلەشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئېلان قىلغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككاي بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كونسۇل ئەھدىنامىسىگە خىيانەت ئىكەنلىكىنى ،كانادانىڭ 1999-يىلى خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كونسۇل ئەھدىنامىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
1999 يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كونسۇل ئەھدىنامىسىنىڭ 7-ماددىسىدا كانادا پۇقرالىرى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان،قولغا ئېلىنغان ۋە ئەركىنلىكىدىن مەرھۇم قىلىنغاندا، دائىرلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقى ھەققىدە دەرھال كانادا ئەلچىخانىسىغا مەلۇمات بېرىدۇ.
كانادا كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان،تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۈم قىلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى يوقلاش ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش، ئەھۋال ئىگەللەش ۋە ئۇلارنى تەرجىمان ھەم قانۇنى مەسلىھەتچى بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى بولىدۇ،دېيىلگەن. ئەھدىنامىدا كانادا كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ يەنە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى يېمەكلىك،كىيىم-كېچەك،دورا بويۇملىرى، ئوقۇشلۇق ۋە يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشاش ھوقۇقلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ ئاياق-ئاستى قىلدى
ئامما خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كونسۇل مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
سىياسى ئانالىزچى شېڭ شۈئې بۇنى خىتاينىڭ ئۇچىغا چىققان مۇتەھەملىك،دەپ باھالايدۇ: "خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا قوش دۆلەت پۇقرالىقى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.1980- يىلى ئېلان قىلىنغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا چەتئەلدە تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتسە، خىتاي پۇخرالىق سالاھىيىتىدىن ئۆزلىگىدىن مەھرۇم بولىدۇ،" دېيىلىدۇ.
ئۇنداقتا خىتاي پۇخرالىق سالاھىيىتىدىن ئۆزلىگىدىن مەھرۇم بولۇشنىڭ ئۆزى كانادا پۇقراسى بولغان كۈندىن تارتىپ،خىتاي پۇقراسى ئەمەس، دېگەنلىكتۇر. شۇڭا بۇ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى ھەل قىلغۇچ،يادرولۇق مەسىلىدۇر.. كانادا ھۈسەيىن جېلىلنى مېنىڭ پۇخرايىم دىسە، خىتاينىڭ ئۇ سېنىڭ پۇخرايىڭ ئەمەس دېيىشى ئۇچىغا چىقان يولسۇزلۇق ۋە مۇتىھەملىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا كانادا خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانىدى دەيدۇ.
47 نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلىك ۋە باشقا سالاھىيەت بىلەن كاناداغا يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)