كانادا پارلامېنتىدا تەيۋەن ئىشلىرى قانۇن لايىھىسى بويىچە گۇناھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا "تەيۋەن ئىشلىرى مۇناسىۋەت" قانۇنى بويىچە گۇناھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەھەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ،ئەگەر بۇ قانۇن لايىھىسى پارلامېنتتا ماقۇللانسا ،كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى كۈنى مۇتەھەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كونسەرۋاتىپ پارتىيىدىن بولغان، پارلامېنت ئەزاسى جىم ئاببوت ئوتتۇرىغا قويغان، تەيۋەن ئىشلىرى قانۇن لاھىيەسى ھەققىدە يېپىق شەكىلدىكى گۇناھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گۇناھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان دىپلوماتىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە ،تەيۋەن ئىشلىرى قانۇن لايىھىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ نازۇك نەرۋىلىرىغا تەگكەن. گەرچە بۇ قانۇن لايىھىسىدە بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئامما خىتاي تەرەپ يەنىلا ئۇنى قۇبۇل قىلمايدىكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.