كانادالىق تېررور مۇتەخەسسىسىنىڭ نەزىرىدىكى تېررورىزىم ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، تېررور مەسىلىلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈملىدىن كانادا مەتبۇئاتىنىڭ قايتا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. چۈنكى مۇمباي شەھىرىدىكى ۋەقە، ئامېرىكىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن بىرى، دەپ قارالغانىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.12.08
Bombay-terror-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ، ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ، 11 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11 ﺩﯨﻦ 23 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر نۇقتا بولسا، تېررورلۇق ۋەقەلىرى دۇنيا تىنچلىقىغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقان، دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىگە بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇنداق نازۇك بىر پەيتتە، بەزى بىر دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ تېررور ئۇقۇمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنى، شۇنداقلا ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى،11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ، بۇ دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆكتىچىلەردىن ئۆچ ئالىدىغان پۇرسەتكە ئايلانغانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا، دېگەندەك بىر يولنى تۇتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

تېررورغا قارشى ئۇرۇش سۈيئىستىمال قىلىنماقتا

كانادا ك ب ك تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىگە قاتناشقان كانادالىق ئاتاقلىق تېررور مۇتەخەسسىسى ئەرك مارگولىسنىڭ قارىشىچە، بەزى دىكتاتور دۆلەتلەر ھەقىقەتەن ئامېرىكا باشلىغان تېررورغا قارشى ئۇرۇشنى سۈيئىستىمال قىلماقتا ۋە بۇ دۆلەتلەر ئاتالمىش تېررورچى قالپىقىنى سىياسى ئۆكتىچىلەر ياكى ئۆزلىرىگە قارشى كۈچلەرگە كىيدۈرۈشكە ھەدەپ ئۇرۇنماقتا.

بۇ دىكتاتور دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاي، مىسىر ۋە ئالجىرىيە قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئەرك مارگولىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مىسىر بىلەن ئالجىرىيە بۇ خىل يول ئارقىلىق، ھاكىمىيەتكە كۆز تىككەن سىياسى ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسا، خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، مۇستەقىللىقى ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خەلقئارادا خۇنۈكلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل سىياسى گەۋدىگە ئىگە خەلق ئىدى

كانادالىق تېررور مۇتەخەسسىسى ئەرك مارگولىس ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى تارىخى ھەققىدە توختىلىپ: شەرقى تۈركىستان 40 - يىللاردا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانىدى. نۆۋەتتە بىز، بۇ رايوننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتىمىز. خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئاساسلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بولغان بۇ رايون، ئەينى ۋاقىتتا، تىبەت بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانىدى.

ئۇيغۇرلار، 1949 - يىلىدىن بېرى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى، دېدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق، بۇ رايوندىكى، ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە زېمىن ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرى بۇرمىلانماقتا

تېررور مۇتەخەسسىسى ئەرك مارگولىس خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىسلامىي تۈس بېرىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىسلامىي تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار، بومبا پارتلىتىش ۋە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش يوللار ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. لېكىن بۇ خىل ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرمىدى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىسلامىي ھەرىكەت دېيىشكە بولمايدۇ.

ئىسلامىي ھەرىكەت دېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلىغانلىقتۇر. بۇنىڭغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆپلەپ ئېقىپ كېلىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ھەرىكىتى، دەپ تەبىر بەرسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر تىبەتتىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرمەكتە، دېدى.

تېررورچىلىققا باغلاش خىتاينىڭ سىياسى ئويۇنى

ئەرك مارگولىس خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلاش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە توختىلىپ: "بىزنىڭ قولىمىزدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت يوق. شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ئافغانىستاندا تۇرغانلىقى بىلەن بۇ تەشكىلاتنى ئەلقائىدە بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەدىسىلا ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررورچى تەشكىلات بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇشى سىياسى ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس،" دېدى.
 
ئەرك مارگولىس كانادا ك ب ك تېلېۋىزىيىسىدىكى مۇنازىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى تېررورنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇلار تىلغا ئېلىۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ پاكىت ئاساسىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ۋە كىشىلەردە شۈبھە تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.