كانادا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك


2007.09.28

Chen-shuisuret-150.jpg
تەيۋەن پرەزىدېنتى چېن شۈيبيەن. AFP Photo

كانادالىق بىر نەپەر سىياسىي مۇلاھىزىچى كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەردىن كانادانىڭ خەلقئارا سەھنىدە بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاشنى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا كانادانىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

كانادادا چىقىدىغان "كالگاريسۇن" يەنى "كالگارى قۇياشى" گېزىتىنىڭ ستون يازغۇچىسى پائۇل جاككسون مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىشنى كانادا دىپلوماتىيىسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ كانادا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قايتىدىن كىرىشىگە ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا

تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، 24 مىليون خەلقنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە: ئىراقنىڭ نېفىتىنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇش سەتچىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ۋەقەلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئەسسەسىسەلىرىنىڭ ئاساسەن كاردىن چىققانلىقى ۋە بۇ ئورگاندا پارىخورلۇقنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1945-يىلى دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بىر توپ دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ مۇشتۇمزورلاردىن بىرى خىتاي ھېسابلىنىدۇ، دېيىلىدۇ.

نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈزۈلمىسىدە دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق سۆز ساھىبى بولۇۋاتقانلىقى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەتتا چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئورگاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن پائۇل جاككسون: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش نىزامنامىسىدە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە كوممۇنىست خىتايدىكى خەلقلەر 60 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنىلا بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغىنى يوق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىدىغان دۆلەتلەر كوپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر پرىنسىپى ئۈچۈن نومۇستۇر،" دەپ يازىدۇ.

غەرب دۆلەتلىرى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەننى قوللىشى كېرەك

كوممۇنىستىك تۈزۈمدىن ئۇزاق تۇرغان تەيۋەندە دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقى لېكىن تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى، بۇ دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ كاناداغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدە: " كىشىنى ئەجەپلەندۇرىدىغىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان، ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئەركىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئىگە بولغان ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش تۈزۈمدىكى تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلماقتا. جۇڭخۇا مىنگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى 5 دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن قىزىل خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن دۆلەت بېيجىڭنىڭ تەھدىتى بىلەن تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. ئاز ساندىكى دۆلەت بىلەنلا قالغان تەيۋەن، بارغانسېرى يېتىم ھالغا كەلمەكتە،" دەيدۇ.

پائۇل جاككسون ماقالىسىدە خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىپ: "بېيجىڭ كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان 1949-يىلىدىن بېرى، ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ سايلام ئۆتكۈزۈپ باقمىدى. تەيۋەندە بولسا ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى 100دىن ئوشۇق سىياسىي پارتىيە بار. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقتا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار، جازا لاگىرلىرىغا سۈرگۈن قىلىنىپ جازالىنىدۇ. تەيۋەندە بولسا، دىنىي ئەركىنلىك تولۇق بەھرىمەن قىلىنغان،" دەيدۇ.

تەيۋەن دۇنيادىكى كۈچلۈك ئىقتىسادى دۆلەت

سىياسىي مۇلاھىزىچى پائۇل جاككسون ماقالىسىدە تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچى ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "تەيۋەن دۇنيا ئىقتىسادىدا 17- ئورۇندا، شۇنداقلا دۇنيا سودىسىدا 14- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ھەرخىل خەلقئارالىق پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي بولسا نەشر ھوقۇقى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى دېگەنلەرنى مەنسىتمەيلا قالماستىن، يەنە ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك تۆۋەن تۇتۇپ، دۇنيا بازىرىغا ناھايىتى كۆپ سۈپەتسىز ماللارنى سېلىپ، خېرىدارلارنى ئالدىماقتا ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە كانادادا ناھايىتى ئېغىر ئىشسىزلىق ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا،" دەيدۇ.

پائۇل جاككسون ماقالىسىدە ھەر خىل خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىپ كەلگەن بىر دۆلەتنى جازالاپ، خەلقئارا پرىنسىپلارنى ئاياق ئاستى قىلغان دۆلەتنى بولسا مۇكاپاتلاش ئادالەت ھېسابلىنامدۇ، دەپ سوئال قويىدۇ.

پائۇل جاككسون ماقالىسىدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ناتسېستلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى گىتلېر گېرمانىيىسىگە سېلىشتۇرۇپ:"بېيجىڭ ئىزچىل تۈردە سىرتقا قارىتا تەيۋەننى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقان بىر ئۆلكە قىلىپ تەشۋىق قىلماقتا يەنى تىبەتنى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دېگىنىگە ئوخشاش. خىتاي كوممۇنىستلىرى تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر نەرسە قىلمىغانىدى. خۇددى گىتلېر گېرمانىيىسى چېخىسلاۋاكىيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆرسەتكەن پاسسىپلىقلىرىغا ئوخشاش،" دەپ يازىدۇ.

كانادا ب د ت دە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك

پائۇل جاككسون ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا كانادا باش مىنىستىرىغا خىتاب قىلىپ: "بېيجىڭ دائىرىلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەيۋەننى ئۆزلىرى پىلانلىغان تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سالماقتا. شۇڭا ستېپھېن خارپەر سىز نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قارشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا رەھبەرلىك قىلمايسىز؟ بىز دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمىز،" دەپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.