كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىندى


2006.04.06

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بايانى

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى بىر نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى توغرىلىغان. ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن 26 - مارت قولغا ئېلىنغان ھۈسەنجان جېلىل ئىسىملىك كانادا تەۋەلىكىدىكى بۇ ئۇيغۇرنىڭ خەلق ئىچىدە ھۈسەنجان قارىم، دېگەن نام بىلەن تونۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

شەخىسنىڭ تارىخى

ئۇ، بۇنىڭدىن 4 - 5 يىل ئىلگىرى ب د ت تەرىپىدىن سىياسىي مۇساپىر، دەپ قارىلىپ كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە 4- 5 ئاي ئىلگىرى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستانغا بىرگە بارغان ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئايالى، يولدىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى زورلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۇتقۇننىڭ كانادادىكى دوستى بۇرھان چەلىكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئايالى كامىلە ئۇنىڭغا تېلېفوندا يولدىشىنىڭ تەقدىرىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ( بۇرھان چەلىك )

شەخىسنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر

ھۈسەنجان قارىمنىڭ يېقىنلىرى "ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىيىتى بار. ئەگەر ئۇ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، بۇرۇنقى سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۈمكىن،"دەپ قارىماقتا. بېيجىڭ دائىرىلىرى چەتئەل دۆلەتلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاۋاتىدۇ. يېقىندا ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىسمايىل سەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغان. بۇرھان چەلىكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇتقۇننىڭ ئىلگىرى قىرغىزىستاندا تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ جىنايەت ئارخىپى كەلگىچە ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ( بۇرھان چەلىك )

بۇرھان چەلىك، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھۈسەنجان قارىمنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن قانداق خەۋەر تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. لېكىن ھۈسەنجان قارىمنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە سابىق پرېزىدېنت ئاقايېۋ دەۋرىدە قىرغىزىستان تۈرمىسىگە سولانغاندىن كېيىن، 2001 يىلى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تېخى يېقىندىلا كانادا پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى تاشكەنتتىكى كانادا كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆرسىتلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار پەيشەنبە كۈنى كانادا باش مىنىستىرلىقى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار ئەرباپلار بىلەن ھۈسەنجان قارىم مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى تۇتۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ( مەمەت توختى ) ئۇ، ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، " كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى قوغداشقا ئاساسىي قانۇن بويىچە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار كانادا پۇقراسى بولۇپ تۇرۇپ يەنە خىتاينىڭ قورقۇتۇشى بىلەن ياشاپ تۇرسا، بۇ كانادا ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق ئەھۋال،" دەيدۇ. لېكىن بۇرھان چەلىك، كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنى " كۆرمەسكە سېلىۋالغاندەك ھەرىكەت قىلماقتا " دەپ ئەيىبلىدى. ( بۇرھان چەلىك )

خەلىقئارادىكى ئىنكاس

بىر كانادا پۇقراسىنىڭ ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنغانلىقى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەرقىلىندى. تۇتقۇننىڭ تاشكەنتتىكى ئايالىغا كېلىۋاتقان تېلېفونلار ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان. بۇرھان چەلىكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار ھازىرغىچە ھۈسەنجان قارىمنىڭ خانىمى ۋە پەرزەنتلىرىگە چېقىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان. كامىلە خانىم بۇرھان چەلىككە فاكس ئارقىلىق يوللىغان خېتىدە، " ساقچىلار ئۆيىمىزنىڭ تېلېفونىنى تىڭشاۋاتىدۇ. بۇ مېنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەن ۋە بالىلىرىم بۇ يەردە بىخەتەر ئەمەس،" دەيدۇ. بۇرھان چەلىك، ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئۆزبېكىستانغا ۋەتەندە قالغان 3 پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ( بۇرھان چەلىك) لېكىن ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئايالى كامىلەنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئۆزبېكىستانغا كامىلەنىڭ " ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈشكە بارغان " .

مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر

كامىلە، 26- مارت كۈنى تاشكەنت شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ۋىزا مۇددىتىنى ئۇزارتماقچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ ھۈسەنجان قارىمنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى5 - ئايدا ئەنجاندىكى ئىسياننى باستۇرغان كېيىن بۇ دۆلەتتىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى بىر قاتار رادىكال تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ۋە تاشقىي سىياسىتى رۇسىيە بىلەن خىتايغا قايماقتا ئىدى. پرېزىدېنت كەرىموف، ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قىزىل گىلەمدە كۈتۈۋالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.