كانادا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان


2007.08.16

كانادا ھۆكۈمىتى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامۇ ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسقا سىياسىي پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

كانادا مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن 2005 ‏- يىلدىن بېرى ئۈچ قېتىم كاناداغا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، بۇ مەسىلىدە كانادا باش مىنستىرى سىتىفان خارپېر بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ ،كانادا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.