كانادادىكى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئىچكى ئاسىيا تەتقىقات ئاكادېمىيىسى ھەر يىلى دىگىدەك ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئىچكى ئاسىيا ، بولۇپمۇ بۇرۇندىن تەتقىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى مىللەتلىرى ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئالىملارنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىندا، ئوتتۇرا ۋە ئىچكى ئاسىيا مەسىلىلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈن ئاجرىتىلىدىكەن.
يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسمى كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە شۇنداقلا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېپىللىك قىلىپ ياردەم بېرىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.