كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائاليەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن نامايىش تەشكىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائاليەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كانادا خەلقى ئارىسىدا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە، سىستېمىلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىش تورى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009-07-28
Share
Al-jazire-Rukiye-Kanada-305 ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪ ﺗﯘﺭﺩﯗﺵ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻝ - ﺟﻪﺯﯨﺮﻩ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ،كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى مۇراجەتنامىغا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە جىددى ئىمزا توپلاش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش كومپانىيىسى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە شەرقى تۈركىستانغا بىر بىتەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە چاقىردى.

جۈمە نامىزىدىن پايدىلىنىپ كانادادىكى مۇسۇلمانلارغا، ھەر كۈنى كوچىلارغا چىقىپ باشقا مىللەتلەرگە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسىملىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش كانادادىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائاليەتلىرى ھەققىدە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت