سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلىرى نەزىرىدىكى كانادا

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كانادانىڭ ساھىبخانلىقىدا سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ۋە 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى تورونتودا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنداقتا دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر نەزىرىدە كانادا قانداق بىر ئورۇنغا ئىگە؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.06.11
Obama-Harper-Kanada-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
AFP Photo

كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسى بىلەن 2008 - يىلىدىن ئېتىبارەن دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلگەن ئىقتىسادى كرىزىستىن ئامان - ئېسەن چىقىۋاتقان كانادانىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئەركىن بازار، ساغلاملىق، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ باشقا مەسىلىلىرىنىمۇ باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەسىلەن: دۇنيا كىلىماتى ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۇنيا مۇھىتىنى قوغداش، ئافغانىستان مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، دۇنيا بويىچە ھامىلىدار ئايال ۋە بالىلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش، ھايتى ۋە ئافرىقىدىكى بەزى نامرات دۆلەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كانادانىڭ باشلامچى بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تۆۋەن ئىقتىسادى ئاساستىن، بىردىنلا ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى زور دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان كانادا، مول تەبىئىي گاز مەنبەسىگە ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇش بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە ئۆز - ئۆزىنى قامداش ئىقتىدارىغا ئىگە.

كانادانىڭ 1989 - يىلى ۋە 1994 - يىللىرى ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان "ئەركىن سودا كېلىشىمنامىسى"، كانادا - ئامېرىكا سودا ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشىغا يول ئاچقان. ئامېرىكا نۆۋەتتە كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك سودا شېرىكىنىڭ بىرى. 2008 - يىلى دۇنيا مىقياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادى كرىزىستا كانادا كرىزىسنىڭ تەسىرىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاز ئۇچۇرغان دۆلەت دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى ئەڭ زور دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، ئورمانچىلىق، ئاپتوموبىل ۋە ساياھەتچىلىك ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا ئاپتوموبىلغا بولغان ئىچكى تەلەپنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن، كانادا تەرەپ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى تەسىرگە ئۇچرىغان.

خىتاي ۋە ھىندىستاندىكى كرىزىس سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاستىلىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىنشائاتى ساھەسىدىكى تۇرغۇنلۇق ئەلۋەتتە كانادانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. تورونتو پايچىك بازىرىدىكى تۆۋەنلەش شۇنىڭدەك كانادا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلار كانادا ئىقتىسادىدا بەزى ئېگىز - پەسلىكلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئىقتىسادى ئاساسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن كانادا بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كرىزىستىن ئامان ئېسەن چىققان.

ئىقتىسادى كرىزىس يېڭى باشلانغان چاغلاردا، مەلۇم بىر دۇنيا ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كانادانىڭ بانكا سىستېمىسى دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ خىل ئۈستۈنلۈك كانادا بازارلىرىدا كرىزىس كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ كانادانىڭ يەر - مۈلۈك بازارلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى باشقۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

 كانادا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبىدىن، نېفىت باھاسىدىكى ئۆرلەش ئامېرىكىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتسە، كاناداغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

كانادا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيادىكى 152 دۆلەتتىن يىلىغا 17 مىڭ 500 سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن كانادانىڭ يىلىغا 150 مىليون دوللار خەجلەيدىغانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.