كانادا باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2005.01.14

كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىن 20 - چىسلا خىتايغا بولغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پول مارتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن بۇرۇن، پول مارتىننى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە كۆپرەك كۈچەشكە دەۋەت قىلغان بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇم خىزمەتلەرنى قىلغان.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.