كانادا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2006.10.09

كانادا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەپتە ئاخىرى خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ پارلامېنت ئىشلىرى سېكرېتارى، پارلامېنت ئەزاسى Jason Kenney كانادادا چىقىدىغان ‘شىڭداۋ’ گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ‘ئامېرىكا ئاۋازى’ رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان، كانادانىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىمىز ۋاقتىنچە توختاتماقچى بولغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن كانادا ھەر يىلى خىتايگا بېرىۋاتقان 60 مىليون دوللارلىق ھەقسىز ياردەمنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىسى بولغان سۆھبەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئالدىنقى ھەپتىدە كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ پارلامېنت ئىشلىرى سېكرېتارى Jason Kenney، كانادا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ۋە كانادانىڭ ھەر يىلى خىتايغا بېرىدىغان 60 مىليون دوللارلىق ھەقسىز ياردىمىنى توختىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دەپ خەۋەر بەرگەنىدى.

جاسون كەننەي ‘شىڭداۋ’ گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەن كانادا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى، دېمىدىم، ھەم كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە ئىختىسادىي ياردەم ھەققىدىكى سىياسەتنىڭ ئۆزگۈرىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلمىدىم، مەن پەقەت خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىمىزنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش ئەمەس، ئۈنۈملۈك نەتىجىسى بولغان سۆھبەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز دېگەنىدىم، دەيدۇ.

كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 1997-يىلى كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى Jene Kristian بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قارارى بىلەن يولغا قويۇلغانىدى. 1997-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 8 يىل جەريانىدا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل خادىملار ھەر يىلى بىر قېتىم، بىر يىل ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

كانادا مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزلىمەكتە

بۇنىڭدىن ئىلگىرى Jason Kenney كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدە توختىلىپ:

"بىز خىتاينىڭ دوستى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىجابىي ۋە نەتىجىلىك بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ، دېگەنىدى.

Jason Kenney نىڭ "شىڭداۋ" گېزىتىگە بىلدۈرىشىچە، كانادا خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە ئىختىسادىي ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئامما ئۇنىڭ قارىشىچە، كانادا كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت نازۇك مەسىلىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن. Jason Kenney نىڭ ئەسكەرتىشىچە، كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك بۇ ھەيئەت جۈمە كۈنى خىتايغا يولغا چىقىدىكەن. بۇ ئۆمەك ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەر پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەنىكەن. ئۇلار خىتايدا بىر ھەپتە زىيارەتتە بولىدىكەن. Jason Kenney بۇ ئۆمەكنىڭ خىتايدىكى بىرقانچە شەھەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بارمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن.

يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كانادانىڭ خىتايغا بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا ھۆكۈمىتى خادىملىرىنىڭ خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشىشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ھازىر خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

قارىھاجىمنىڭ ئانىسى، ئاچىسى، ئاكىسى ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، ھەرقايسى تۈرمىلەرگە بېرىپ ھۈسەيىن قارىھاجىمنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىپتۇ، ئامما تاپالماپتۇ. ئاخىرى تۈرمىدىكى ساقچىلار ئۇلارغا خىتاي دۆلەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ تۈرمىسىدىن سۈرۈشتۈرۈشنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار بۇ تۈرمىگە بارسا ھۆسەيىن قاراجىم شۇ تۈرمىدە ئىكەن. بۇ تۈرمىدىكى خادىملار قاراجىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قىيىن-قىستاققا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سۇئال-سوراقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، سوتنىڭ تېخى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تاماق ۋە كېيىم كېچەك ئېلىشنى رەت قىلىپتۇ. كۆرۈشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. سوت بولغاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ بېسىمىغا ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا

Jason Kenney ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay نىڭ نيۇيوركتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆز ئىشخانىسىدا خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى شۇمېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ئۇچرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كانادا Regena ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى زھۇيۇچاۋ كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىرلىشىۋالسا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سايلامدىن بۇرۇن دېپلوماتىيە جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش قىلالمايدىغانلىقى ۋە خىتاي سىياسىتىدىمۇ چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇلار خىتاي سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ بارسا، سايلامدا ئۆزلىرىگە سىياسى جەھەتتىن پايدىسىز بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئامما ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئالدىنقى ھۆكۈمەت بىلەن روشەن پەرلىنىدۇ. ئالايلۇق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دالاي لاما مەسىلىسى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەنقىت قىلىشى كۆپەيدى".

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قاتتىق تەنقىت قىلغانىدى. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.