كانادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات يىغىنى خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

خىتاي - كانادا مۇناسىۋىتىدە، ستىپان خارپېر ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن بېرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىختىلاپ ئىچىگە چۈشۈپ قالدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىلىرى كانادا يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان 14 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئۈچ نۇقتا

بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سودا - ئىقتىسادى ئالاقە ئەھۋالى شۇنداقلا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىننىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمىدا خىتاي - كانادا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار 3 مەسىلە، بولۇپمۇ خىتاي - كانادا سودا مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە بۇنىڭ كاناداغا بولغان تەسىرى شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ۋە ئاسىيا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىننىڭ "خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە ئاسىيا بىخەتەرلىكى" نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۆلۈمىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دېموكراتىك جۇڭگو فرونتىنىڭ كانادا شۆبىسى، كانادا فالۇنگوڭ جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىنى كۆزەتكۈچى خادىمى كلىگېر يىغىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ساھەدە كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش، ئەيدىز كېسىلى پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش، دىندارلارغا زەربە بېرىش قاتارلىقلار، دەيدۇ. كلىگېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدىكى ئىستىبدات يۇقىرى بېسىملىق ھۆكۈمرانلىق جەمئىيەتتە زور كۆلەملىك داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 80 مىڭ قېتىم توپىلاڭ يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاڭلىتىلغان

قېتىمقى يىغىنغا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان مۇستەبىت سىياسىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولماقتا، دەيدۇ. بولۇپمۇ مەمەت توختى، خىتاي دائىرىلىرى كانادادىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يۇرتىدا قالغان ئائىلە تاۋاباتى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادادىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

مەمەت توختى "كانادادىكى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر كەچۈرمىشى بار. نۇرغۇن كىشىلەر كانادادا خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلار كانادادا كۆچمەن ياكى كانادا پۇقراسى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بالا- چاقىسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كاناداغا كېلىپ جەم بولۇشىنى توساۋاتىدۇ" دېدى. مەمەت توختىنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەتكە قىزىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالا- چاقا ۋە ئائىلە تاۋاباتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىندى

يىغىندا فالۇنگوڭ تەرىقىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، كانادادا ستىپان خارپېر ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىمىز، دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى ماختىدى. ئۇ، كانادادىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە سىياسىي ئەرباپلارنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، "بۇ مەسىلىدە مەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى كىم بولۇشى بىلەن ھېسابلاشمايمەن. ئۇلار يېڭى دېموكراتلار بولامدۇ ياكى ھۈرىيەت پارتىيىسى بولامدۇ ؟ ئىش قىلىپ مەن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ۋە بىۋاستە مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەيدۇ.

كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر بۇ يىل 11 - ئايدا ۋېيتنام پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن ئا ت ئى ھ ت نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن،خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشسا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ستىپان خارپېر ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي دائىرىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى"، دەپ تەكىتلىگەن.

يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا دېموكراتىك جۇڭگو فرونتىنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى "خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى قوللىشى كېرەك" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان كانادا ئاسىيا تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات جەمئىيىتى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىنىدىغان غەيرى تىجارەت خاراكتېرلىك ئىلمىي تەتقىقات ئورنى بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ خىزمىتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر مەسىلىلەر ۋە كانادانىڭ رايوندىكى رولى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتۇر. (ئەركىن)