كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2006.12.28
peter-mackay-150.jpg
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay كانادا CTW تېلېۋىزىيىسىگە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددى كەيپىياتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ 2007- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنى كاناداغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. Peter MacKay نىڭ ئەسكەرتىشىچە ئۇ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، شۇنىڭ بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسى مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا - خىتاي سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئامما ئۇ زادى قايسى كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

بۇ كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى

Peter MacKay بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: "بىز بىرىنجى بولۇپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋە شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان سودا ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز"، دېدى.

كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئامما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى سوت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە توغۇلغان ھۈسەيىن جېلىل، 1996-يىلى چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ۋە 2005-يىلى نويابىردا كانادا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرىنى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ھۈسەيىن جېلىل بۇ يىل مارت ئايلىرىنىڭ باشلىرى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا، ئۆزبېك دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى ھۇ جىنتاۋ بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدى. گەرچە بۇ سۆھبەت خىتاي تەرىپىدىن غەيرى رەسمىي سۆھبەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈپ قۇيۇلغان بولسىمۇ، ئامما ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم، دەپ باھالانغانىدى.

Peter MacKay: ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە مەسىلە

كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىزچىل كەسكىن تەنقىت قىلىپ كەلمەكتە ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ كانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى شۇمىن كانادانى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە لىنىيىسىنى ئۇچۇق تۇتۇشقا چاقىرغانىدى.

Peter MacKay خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا پۇقراسىلىق سالاھىيىتىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرىدىغانلىقىدىن خەۋرىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە مەسىلە بولماقتا، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاناداغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندى.

كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسى مۇناسىۋەتلىرى ئالدىنقى ھۆكۈمەتكە قارىغاندا بىراز سوغۇق بولماقتا. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاماغا پەخرى پۇخرالىق سالاھىيىتىنى بەرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقانىدى. لېكىن خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن ئېلىپ كېتىشى، شۇنداقلا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولماي ئارقىغا سوزۇلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشىگە يول ئاچتى.

بۇ زىيارەتنىڭ يەنە بىر مەقسىتى سىياسى نۇقتىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قوللاش

ئۆكتىچى پارتىيىلەر بولسا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىدى ۋە پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنىمۇ قوغدىيالمىدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە.

Peter MacKay بۇ ئەيىبلەشلەرگە جاۋابەن: "مەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن 4 قېتىم كۆرۈشتۈم. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى. باشقا دۆلەتلەر بىز ئۈچۈن قانداق مۇھىم بولسا، خىتايمۇ بىز ئۈچۈن شۇنداق مۇھىم. ئىختىسادىي تىز يۈكسىلىۋاتقان بۇ دۆلەت بىز بىلەن تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەن لى جاۋشىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە كونسۇل ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كەلدىم. تەبىئى ھالدا كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس"، دېدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، Peter MacKay نىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى كانادالىقلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ۋە ھۈسەيىن جېلىلنى سىياسى نۇقتىدىن قوللاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

كامىلە خانىم : خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىمنى تەررورىست دېيىشى ئويدۇرما

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم Hamilton Spectator گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، Peter MacKay نىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىپ، يولدىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك روزى ھېيت بايرىمىنى يولدىشىسىز ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى مۇبارەك قۇربان ھەيتىنىڭمۇ ئائىلىسى ئۈچۈن مەنىسىز ۋە پەرىشان كۈن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچى، دەپ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان.

بۇ Hamilton Spectator گېزىتى يەنە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 80 نەچە ياشلاردىكى ئانىسىنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلى بىلەن كۆرۈشىشىگە خىتاي دائىرلىرىنىڭ يول قويمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

Peter MacKay نىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئاي- كۈنى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.