كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى David Emerson بىلەن مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى پلانلىماقتا.
David Emerson كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلماقتا
ئامما تەھلىلچىلەر، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay نىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغاق مۇناسىۋەتنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئەندىشە بىلەن قارىماقتا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى Peter MacKay يىل بېشىدا بىرىنجى بولۇپ، خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئامما ئۇ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بىلەن قوشنا بولغان ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئامما خىتايغا ئاياق باسمىدى. كانادا ھۆكۈمىتى بولسا، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، خەلقئارا سودا مىنىستىرى David Emerson بۇ ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۇنىگىچەخوڭكوڭ، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەردە 5 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپ تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالايدۇ.
كانادا فەدەرال ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى Jim Flahertyنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى بولسا، كانادا بانكىلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي 5 يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن چاغدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە چەتئەل بانكىلىرىنىڭ خىتايدا مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى ئېچىشىغا دەسلەپكى قەدەمدە يول قويماقتا. Jim Flaherty خىتايدىكى مەزگىلىدە خىتاي مالىيە مىنىستىرى جىڭ رەنچىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
كانادا - خىتاي سودىسىدىكى قىزىل رەقەم كاناداغا پايدىسىز
كانادا گېزىتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ۋە كانادانىڭ خىتايھا قىلىدىغان سودا ئېخپورتىنىڭ ھەجىمى كۆپەيتىش قاتارلىقلار بۇ ئىككى مىنىستىرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشتىكى مەخسەتلىرىدىن بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن، ئۇنىڭ ئېنېرگىيىگە ۋە خام ماتېرىيالغا بولغان تەلىپى ئېشىپ بېرىۋاتقان شۇنداقلا خىتاينىڭ كانادادىن ئېلىۋاتقان ئاساسلىق نېفىت ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق خام ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارادىكى باھاسى ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، ئامما كانادانىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېخپورتىنىڭ ھەجىمىدە ئازىيىش كۆرۈلمەكتە.
David Emerson، Paul Martin رەھبەرلىكىدىكى لىبەرال پارتىيە ھۆكۈمىتىدە سانائەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە بىرقانچە قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغانىدى. بۇلتۇر 1-ئايدا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ئومۇمى سايلامدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، David Emerson لىبېرال پارتىيىدىن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىگە ئۆتكەن ۋە خەلقئارا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.
كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادادىكى پائالىيەتلىرى، كانادانىڭ دالاي لاماغا پەخرى پۇخرالىق ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسى، كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇلۇپ كېتىلىشى ۋە ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا سورۇنلاردا تەنقىت قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقلىق كۆرۈلگەنىدى. شۇڭا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە پەقەت كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسىلا خىتاينى زىيارەت قىلغانىدى.
زىيارەتنىڭ مەزمۇنى ئىختىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش
David Emerson چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر ھېسابلىنىدۇ، دېدى.
Emerson نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ خىتايغا كانادانىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىدىكەن ھەمدە كانادانىڭ ۋانكوۋەر شەھرىدە قۇرۇلىۋاتقان شىمالىي ئامېرىكا تىنچ ئوكيان پروجىسىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.
كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاساسلىق تۈگۈن - ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يەنىلا ئىلگىرىلەش يوق
مۇلاھىزىچىلەر، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay نىڭ يىل بېشىدا خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ، خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەچىكتۈرۈلگەنلىكتىن Emerson نىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭمۇ كۆزلىگەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئەمما ئەمەرسون بۇ قېتىمقى سەپىرىدە سودىدىن باشقا كۈنتەرتىپنىڭ يوقلۇغىنى ئەسكەرتىپ:
"بىز كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى ئاشكارا قوغدايمىز. ئەمما راستىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ مەقسىتى ئىختىسادىي تەرەپتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتۇر. بۇنىسى ئىنتايىن نورمال"، دېدى.
Emerson سانائەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان مەزگىلدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇانخۇا دىلوسىنىڭ ئاساسلىق گۇماندارى لاي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ قوشۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئارقىغا سوزۇلۇپ كەلمەكتە.
David Emerson نىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىمۇ ئىلگىرى بىلىنمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قېتىم كېچىلتۈرۈلگەنىدى. (كامىل تۇرسۇن)