كانادا سودا ۋە مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى

0:00 / 0:00
huseyin-jilil.jpg
ھۆسەيىن جېلىل. گەرچە ئۇ كانادا پۇقراسى بولسىمۇ ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ھۈسەيىن جېلىل مەسلىسى كانادا خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بىر نوقتا بولۇپ كەلمەكتە.

كانادا مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty چارشەنبە كۈنى، كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. Jim Flaherty دىن 3 كۈن بۇرۇن خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى Dawid Emerson بولسا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

كانادانىڭ بۇ ئىككى نەپەر سودا ئىقتىسات مىنىستىرى نۆۋەتتە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولماقتا. Dawid Emerson سودا ساھەسىدىكى زاتلاردىن تەشكىللەنگەن كۆپ كىشىلىك بىر ھەيئەتنى باشلاپ دۈشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغانىدى. Dawid Emersonدىن 3 كۈن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty چارشەنبە كۈنى بەئىجىڭ شاڭخەيلەردىكى 7 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

ئۇنىڭ خىتاي مالىيە مىنىستىرى ۋە خىتاي مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى ۋە كانادا بانكىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادالىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

بۇ ئىككى مىنىستىر خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرشكەندە بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سەمىمىيلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنىڭ سودىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى Jim Flaherty بېيجىڭدا، كانادا CTW تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي دائىرلىرىغا بىلدۈرۈش ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ خىتاي تەرەپكە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆسەيىن جېلىل خىتايدا تېررورچى نامى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي دائىرلىرى ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئادەتتە تېررورچى، دەپ ئەيىبلەيدۇ. Jim Flaherty ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادالىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ:

"بىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلىنىڭ كانادالىقلار ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىگە ھەمدە كانادالىقلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز"، دېدى.

CTW تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەھلىلىچە، تىبەتنىڭ روھانى ۋە سىياسى داھىيسى دالاي لاماغا پەخرى پۇخرالىق ھوقۇقى بەرگەن كاناداغا ئوغىسى قاينىغان خىتاي دائىرلىرى، كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ئىجابىي قارىشى كېرەك

Dawid Emerson CTW تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىر مىليارد 300 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بولغان ۋە چوڭ ئىختىسادىي دۆلەتكە ئايلىنىۋاتقان خىتايدا دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن موھىملىقىنى تەكىتلەپ:

"مېنىڭچە، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىك دېگەنلەر ئۆزئارا بىر بىرىگە باغلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئىختىسادىي تەرەققىياتنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. بىز بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىلەردە ئۇچۇق-ئاشكارا بولۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودا ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق قۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

كانادا پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى قۇربان قىلمايدۇ

ئۇ كانادانىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "بىز كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى يوقاتساق ئالدىمىزدىكى يولنى كۆرەلمەيمىز. كانادالىقلار بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىختىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرىشىمىزنىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئاشكارا ۋە ئىجابىي بولغان رەئال مۇناسىۋەتنى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ"، دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەيدانىنى تەنقىت قىلىپ: "مېنىڭچە، كانادالىقلار بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيادا سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىزمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز. بىراق كانادا خەلقى بىزنىڭ پۇلنى دەپ كانادانىڭ قىممەت قارىشى بولغان --دەموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى دوللارغا سېتىشىمىزنى خالىمايدۇ دەپ قارايمەن"، دېگەنىدى.

خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دالاي لاماغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر نەپەر مۇخبىرنىڭ "كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتىدۇ. ئامما كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىت قىلىشى ۋە دالاي لاماغا پەخرى پۇخرالىق ھوقۇقى بېرىشى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلدى، دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ:

"ھۆكۈمىتىمىز كانادا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇدالاي لاما مەسىلىسى دىنىي مەسىلە ئەمەس، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتاينىڭ زەمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە. ئالاقىدار دۆلەتلەر بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك"، دېگەن. ئەمما ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى توقۇنۇشنىڭ تۈگىنى بولغان ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە توختالمىغان.

كۈزەتكۈچىلەر كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن سوغۇق بولۇپ كەلگەن خىتايغا بىردىنلا يوقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىشى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيسىنى بېكىتكەنلىكى، دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، Stephen Harper ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يېڭى ستراتېگىيىسى –خىتاي دائىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاشكارا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىش ئىكەن. (كامىل تۇرسۇن)