خىتاينىڭ كانادا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپى ئاشتى

0:00 / 0:00

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلار بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ بارغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلدى. خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا كانادانىڭ مېتال، نېفىت، خېمىيىلىك بويۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپى ھەسسىلەپ ئاشتى.

كانادا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، كانادانىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئىمپورتقا قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقان يەنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 كۆپىيىپ، سانائەتلەشكەن 7 غەرب دۆلىتى ئىچىدە 1 - ئورۇنغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كاناداغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ سوممىسى بولسا %17 لا كۆپەيگەن. ئېكسپورتتىكى بۇ تىز ئېشىش بىلەن خىتاي ياپونىيىگە ئوخشاشلا كانادانىڭ ئۈچىنچى چوڭ سادا بازىرىغا ئايلانغان.

كانادا : خىتاينىڭ كانادا تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئېھتىياجى بار

كانادا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ سوممىسى 2002 - يىلى 4 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2006 - يىلىغا كەلگەندە، 8 مىليارد دوللارغا يۈكسەلگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، كانادا ئېكسپورتىدىكى بۇ ئېشىش خىتاينىڭ كانادانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا بولغان تەلىپىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدىكى خىتايدا پورت، كۆۋرۈك ۋە تەنتەربىيە زالىغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ كۆپلەپ سېلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ مېتال ۋە خېمىيىلىك بۇيۇملارغا بولغان تەلىپى ھەسسىلەپ ئاشقان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا بازىرىدا تەبىئي بايلىقلار باھاسىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆرلىشىمۇ كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى بولغان. خىتاينىڭ 2007 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى كانادادىن قىلغان مېتال ئىمپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %70 كۆپەيگەن. كانادا ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىكى يېرىكلىككە تەتۈر تاناسىپ بولغان.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلدى

ستېپھېن ھارپېر 2006 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەنىدى. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىت قىلىشى بىلەن باشلانغان بۇ زىددىيەت كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لامانى دۆلەت رەھبىرى سۈپىتىدە كۈتىۋېلىشى بولسا خىتاينىڭ سەۋرى قاچىسىنى تولدۇرغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرغان.

مۇناسىۋەتتىكى ناچارلىق ئۈچۈن يەنە بىر بەلگە

خىتاي ‏- كانادا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلاشقانلىقىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان كانادانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېئونارد ئېدۋاردس بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقى بولدى.

بۇ مىنىستىر بېيجىڭدا 3 كۈن تۇرغان بولسىمۇ، ھېچقانداق خىتاي ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى تاپالماي كاناداغا قۇرۇق قول قايتقانىدى.خىتاي دائىرىلىرى كانادا ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق سوغۇقلۇقنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە كاناداغا ئىزچىل تەھدىت قىلىپ كەلگەنىدى.

ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياج خىتاينى ئالدىرىتىدۇ

كانادا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە،خىتاي يەنە كانادانىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ بازىرىغا ئايلانغان. خىتاي بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا كانادادىن 150 مىليون دوللارلىق نېفىت سېتىۋالغان.

كانادالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىللىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئىشتىھاسى بارغانسېرى يوغىنىغان ۋە ئۇنىڭ نېفىتكە بولغان تەلىپى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ھادىسىسى يەنە 35 يىل ئەتراپىدا داۋام قىلىدىكەن.

ئىككى دۆلەت سودىسىدىكى قىزىل رەقەم يەنىلا يۇقىرى

2006 - يىلىدا كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمى سودا 42 مىليارد دوللار بولۇپ، سودىدىكى تەتۈر بالانىس 26 مىليارد 800 مىڭ دوللارغا يەتكەنىدى. كانادانىڭ ئومۇمى ئېكسپورتىنىڭ %80 نى ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورت ئىگىلەيدۇ. كانادا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق ئومۇمى سودا سوممىسى 500 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا كانادانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا بىرلىكى بولسا كانادانىڭ ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن ئاستىلاش ھادىسىسى ۋە كانادا دوللىرى قىممىتىنىڭ تىز ئۆرلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا بىر ئاز ئازىيىش كۆرۈلدى. گەرچە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسىدا ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ رەقەم خىتاينىڭ كاناداغا قىلغان ئومۇمى ئېكسپورتىغا قارىغاندا يەنىلا تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ. يەنى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كاناداغا پايدىسىز سودا قىزىل رەقەم بارغانسېرى يوغىنىدى. (كامىل تۇرسۇن)