كانادا باش مىنىستىرى كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى


2008.01.02

كانادا باش مىنىستىرى ستېففېن خارپېر كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئۇنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە شۇنداقلا خادىملارنىڭ بېرىپ كېلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغان

كانادا باش مىنىستىرى ستېففېن خارپېر يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا كانادادىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 2007 - يىلى كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن سۈركىلىشلەرنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ سۈركىلىشلەرنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى رەت قىلدى.

ستېففېن خارپېر:" مېنىڭچە، بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولساقمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى داۋاملىق راۋاجلاندى،" دېدى.

كانادا تاموژنىسى تەمىنلىگەن ستاتىستىكا رەقەملىرىگە قارىغاندا،ئالدىنقى يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ پەسلىدە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئومۇمى سودىسى 32 مىليارد 370 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %21.7 كۆپەيگەن. 2007 - يىلىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمى سودىسى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتكەن. 2003 - يىلى كانادانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى لىبېرال پارتىيىدىن بولغان باش مىنىستىرى جېئان چرېتىئەن بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋەن جياباۋ 2010 - يىلىغا بارغاندا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى 20 مىليارد دوللارلىق ئاساسنى بىر قاتلايدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشكەنىدى. بۇ نىشان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 3 يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقان. خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكىدىن قالسا كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى.

كانادا خىتاي سىياسى مۇناسىۋەتلىرى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە

ئۆتكەن بىر يىلدا كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە بىر قانچە قېتىم داۋالغۇش يۈز بەردى. بۇلاردىن بىرى كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى تېخنىكا ۋە سودا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى ۋە ستېففېن خارپېرنىڭ باش مىنىستىرلىق سالاھىيەت بىلەن ئۆز ئىشخانىسىدا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىسى دالاي لامانى رەسمىي شەكىلدە كۈتىۋېلىشى قاتارلىقلاردۇر.

ستېففېن خارپېر ھۈسەيىن جېلىلغا خەلقئارا قانۇن ۋە كانادا قانۇنلىرى بۇيىچە كانادا پۇقراسى سالاھىيىتى بېرىلگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزبېكىستاندىن زورلۇق ۋاستىلار بىلەن ئېلىپ كېتىشىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇنى ئاتالمىش تېررورچىلىقتا ئەيىبلىشىنىڭ پاكىت ئاساسى يوقلۇقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھەر زامان، ھەر قانداق ۋاقىتتا قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

كانادا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەيدۇ

ستېففېن خارپېرنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى خالىمايدىكەن، ئەمما كانادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن. ئۇ : "مەن مۇنداق پرىنسىپ بۇيىچە ئىش قىلىمەن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەر قانداق دۆلەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىمىزدا تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇشتۇر،" دېدى.

ستېففېن خارپېر تەكىتلىگەن ئاساسىي پرىنسىپ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خارپېرنىڭ قارىشىچە، كانادادىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنداقتا خىتايدىكى بىر مىليارتتىن ئوشۇق ئىنسانمۇ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشى كېرەككەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر خىتايدا پۇقرالار بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمان قىلىنسا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىكەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادي مۇئاپىقىيىتىنى ماختىدى

ستېففېن خارپېر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەپلەردىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىدى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ تەرىپلەشلىرىدە تەنقىتمۇ يوق ئەمەس: "ئەگەر سىز خىتاينىڭ 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋالىغا دىققەت قىلسىڭىز ھازىرقىدىن كۆپ ئوسال ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. خىتاي نۆۋەتتە توغرا يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.بىز بۇ خىل تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىمىز،" دېدى.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر ستېففېن خارپېر ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىدى، بۇ ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنىدى. ئەمما 2007 - يىلىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسى مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىگەن، ئەكسىنچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى ھەسسىلەپ ئاشقان.

كانادادىكى مۇتەخەسسىسلەر 2008 - يىلى كانادا بىلەن خىتاينىڭ سىياسى مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.