كانادادا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىلدى

كانادانىڭ ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يىللىق يىغىن چاقىرىپ، خىتاي قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ۋە ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرى بويىچە تۈرلۇك تېمىلاردا زور كۆلەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدى. 29‏ - ئۆكتەبىردىن 31‏ - ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

يىغىندا كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىسلەردىن ساۋ خۇخۇئا بىلەن جەي يۇئەنيۇئەن "شىنجاڭدا ئېتنىك ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئالاھىدە ئۆرنىكى " دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەت قوزغىغان ئالاھىدە نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىدۇر.

كانادا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خىئىتاي، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرى بويىچە تۈرلۈك تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلغان، جۈملىدىن ئىجىتمائىي، سىياسى، سودا - ئىقتىساد، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى. 3 كۈنلۇك يىغىن جەريانىدا يىغىننىئىڭ تەشكىلى ئورگىنى يەنە كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئاساس قىلغان مەخسۇس يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، خىتاي دېموكراتىيە فرونتىنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تور بېتى ۋە كانادا تىبەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر، چەتئەلدىكى ھەرىكەتلەرنى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەقىياتىنى ئالغا سۈرەلەيدىغان كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت جەمئىيەتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار بۇ قېتىمقى يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. يىغىندا رۇقىيە خانىم كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن كانادادىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىسىدا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، لېكىن بۇ ئىككى توپ ئارىسىدا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنىڭ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇقىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئىككى توپ ئارىسىدىكى دىئالوگنىڭ قانات يېيىشىغا تەرەپلەرنىڭ تارىخى تەجرىبە، مەدەنىيەت ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللار توسالغۇ بولۇۋاتقاندىن سىرت، بەزى پىسخولوگىيىلىك ئامىللار رول ئويناۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن قوللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك ئامىللارنىڭ رولى بار.

كانادا خىتاي مۇھاجىرلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان غەرب ئەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كانادادا بىر مىليون 300 مىڭ خىتاي ياشايدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار كانادا جەمئىيىتىدىكى سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز ئىجتىمائىي توپلارنىڭ بىرىدۇر. رۇقىيە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلارنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ بولۇشى كانادادىكى ئۇيغۇرلاردا بەزى ئەنسىزلىكلەرنى قوزغىماي قالمىغان. ئۇلار خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ كانادا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن، ئۇلارنىڭ كانادانى نۇرغۇن مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇرلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا دىئالوگى قىيىنغا توختىسىمۇ، لېكىن تىبەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ‏ - ئارا دىئالوگ قۇرمىغى بىر قەدەر ئاسانغا چۈشىدىكەن. تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى تەنزىن جىنمو ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كانادادىكى تىبەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا ئالاقە ۋە دىئالوگ قۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما يېقىندا كانادانى زىيارەت قىلىپ، تورونتودىكى بىر تىبەت پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. تەنزىن جىنمو، دالاي لامانىڭ بۇ جەرياندا تورونتودىكى خىتاي جەمئىيىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، بەزى ئانالىزچىلار خىتايلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئاسان دىئالوگ قۇرالىشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، بۇ نوقۇل دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، تىبەتكە خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە تارىخ، مەدەنىيەت، دىن ۋە پىسخولوگىيىلىك سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقى ۋە بۇ ئامىللار دىئالوگنىڭ قانات يېيىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسى ئاكتىپلىرى خىتايغا قايتىپ بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مۈمكىنچىلىك بولمىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىدۇر. يىغىندا كانادا يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۇمېيك ئەپەندى، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن شۇمېيك ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق قىلىپ ئالغا سۈرۈش ۋە خىتاينى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدۇر. ئۇ، كانادادىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت كانادادا تۇرۇپ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "شۇڭا بىز خىتايغا بارالمايدىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم" دىگەن.

كانادا - خىتاي مۇناسىۋىتى باش مىنىستىر خارپېر ھاكىمىيەت سورىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ناچارلىشىپ، ھۈسەيىن جېلىل قاتارلىق بىر قىسىم كانادا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىشى بىلەن ئىلگىرىلەپ يىرىكلەشكەن ئىدى. لېكىن 2008‏ - يىلى ئامېرىكىدا باشلانغان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە كىرىشكەن ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن مەسىلىنى يېپىق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تۇتقان ئىدى.

لېكىن، رۇقىيە خانىم ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يۇمۇيلاق ئۈستەل يىغىنىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كانادا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بارماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. رۇقىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئاشكارا خىتاپ قىلىشى ۋە ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشىئى لازىم. ئوچۇق - ئاشكارا بېسىم يېپىق سۆھبەتكە قارىغاندا ئۈنۈملىك بولىدۇ.

يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا يەنە، كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن "جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تورى بېتى"نىڭ مەسئۇلى مايك كلىگېر ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە، خىتاي بۇ بېسىمنىڭ تەسىرىدە زور كۆلەملىك بىر ئۆزگىرىشنىڭ ھارپىسدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كلىگېر، "مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، زور كۆلەملىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە تېخىمۇ ئاز قالدى" دېگەن. كانادا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 3 كۈنلۇك بۇ يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 كە يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچى دوكلات بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.