قازاقىستاندا ئۇيغۇر ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟


2007.01.09

karim-masimof.jpg
كېرىم مەسۈموپ. نەشر ھوقۇقى http://www.massimov.kz دا

ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى سېتىش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىغاندا تېز بولۇۋاتقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 9-يانۋار كۈنى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە 41 ياشلىق كەرىم مەسۈموپنى تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى، دۈشەنبە كۈنى باش مىنىستىر دانىيال ئەخمەتوپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى نازاربايېۋ تەستىقلىغاندىن كېيىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە يېڭىدىن بىر ئادەمنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەش كېرەك بولدى. پرېزىدېنت نازاربايېۋنىڭ كەرىم مەسۈموپنى باش مىنىستىرلىققا تەۋسىيە قىلىشى بىردىنلا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى ھەمدە بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نازاربايېۋ ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن

قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە مەملىكەت. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنى شەرق ۋە غەربىي لىنىيىلەر بويىچە سېتىشنى تېزلىتىشى جۈملىدىن خىتايغا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىدىن كېيىن خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىچىلىرى مەزكۇر دۆلەتكە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

8-يانۋار كۈنى قازاقىستان باش مىنىستىرى دانىيال ئەخمەتوپ ۋەزىپىسىپىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئىچكى كابىنېت ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بېرىپ، تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتتە يېڭىدىن تەڭشەش يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بولۇپمۇ، 9-يانۋار كۈنى پرېزىدېنت نازاربايېۋ مۇئاۋىن باش مىنىستىر كەرىم مەسۈموپنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش ھەققىدە پارلامېنتقا تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەھلىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

قازاقىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ تەۋسىيە قىلغان كەرىم مەسۈموپ، خىتايدا ئوقۇغان، خىتاي تىلىنى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلگەن مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ 90-يىللاردا بېيجىڭ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ھەم قانۇن ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە بىر مەزگىل قازاقىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە شاڭ گاڭ قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى بولغان.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجەمبەردىنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان كۈچلۈك مۇتەخخەسىستۇر. قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە كەرىم مەسۈموپ رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ نۇرسۇلتان نازارابايېۋنىڭ خىتاي ئىشلىرىدىكى مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى گۇسېيېۋنىڭ قارىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ تېخى يېقىندىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە خىتايغا تۇتۇشىدىغان ئىككىنچى نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ھەمدە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياساشقا قوشۇلدى. ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ، شۇڭا ئۇ خىتاينى ياخشى بىلىدىغان مەسۈموپنى باش مىنىستىر قىلىشنى خالىغان.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى گۇسېيېۋنىڭ پىكرىگە ئاساسەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق كەرىم مەسۈموپنىڭ مەزكۇر يۇقىرى ھوقۇققا تەيىنلىنىشىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى تەرەپلىك سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كەرىم مەسۈموپ پرېزىدېنتنىڭ ئوتتۇرانچى كۈي ئوغلىنىڭ گۇرۇھى يەنى نېفىت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەمدۇر.

لېكىن، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە، نازاربايېۋ بۇرۇندىنلا دانىيال ئەخمەتوپنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، باش مىنىستىرىنى ئالماشتۇرۇش قازاقىستاندا دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىشتۇر، ئەخمەتوپنىڭ ھوقۇقتىن كېتىدىغانلىق خەۋىرى ئۆتكەن يىلى مەيدانغا چىققان. كەرىم مەسۈموپنى باش مىنىستىرلىققا قويۇش ئەمەلىيەتتە قازاقىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قەبىلىلەر يەنى "ئۈچ يۈزى" ھەم يۇرتلارنىڭ ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى راست بولسا، ئۇ چاغدا ئۇ ھاكىمىيەت تالىشىدىغان ھېچ قايسى "يۈزىگە" تەۋە ئەمەس ئادەم بولىدۇ. ئەمما، ئۇ ئىقتىسادنى ياخشى بىلگەن ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇستەقىل بىر سىياسىي مەيدانى بولۇشى يوق بولۇشى مۇمكىن.

كەرىم مەسۈموپ ئۇيغۇرمۇ؟

رۇس ئانالىزچىسى خىلۇپىننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەرىم مەسۈموپ قازاق ئەمەس، يەنى ئۇيغۇردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىمۇ مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن. بىراق قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەسۈموپنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى "كارۋان" گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ "سىز ئۇيغۇرمۇ؟" دېگەن سوئالىغا، "ياق مەن قازاق " دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنىڭ مەخپىي ئىش ئىكەنلىكى، ئەمما، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى ۋە خىتايدا ئوقۇغانلىقى ھەققىدە گەپلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر بولۇش بولماسلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ.

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلاشقانسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە سەلبىي تەسىر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ قازاقىستاننى يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نازاربايېۋنىڭ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەسۈموپقا تايىنىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

قازاقىستاندا ئۇيغۇرلاردىن مۇھىم ئەربابلار يېتىشىپ چىققان

قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، بۇ جۇمھۇرىيەتتە 300 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ (ئەمەلىيەتتە سان بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن). 20-ئەسىرنىڭ 20- 30-60-يىللىرىدا ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار يېتىشىپ چىقىپ، سابىق قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر كوممۇنستلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 20-30-يىللاردا قازاقىستاننىڭ مۇھىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان بولۇپ، ئۇ، ئىلگىرى كېيىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ھەم قىزىل ئوردا، يەتتە سۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ باش سېكرىتارىلىق ۋەزىپىلىرىنى بېجىرگەن.

ئىسمائىل تاھىروپ قازاقىستان پارتىيە ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىدا يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلەردە بولغان، ئەلىيېۋ بولسا، ئۇزۇن يىللار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل يۈسۈپوۋ موسكۋا تەرىپىدىن قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئۇدا ئىككى يىل مەزكۇر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس سۈپىتىدە باشقۇرغان ئىدى. ئىسمائىل يۈسۈپوۋ قازاقىستانغا رەھبەر بولغان ۋاقىت خرۇشېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ زىددىيەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋر بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئىسمائىل يۈسۈپوۋنىڭ قازاقىستانغا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.