كارىز يوقىلىش خەۋپىگە يۈز تۇتماقتا


2004.09.22

شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا كارىز توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ھەر 20 كۈندە بىرى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان."شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كارىزنىڭ قۇرۇپ كېتىش سۈرىتى بۇ تېزلىك بىلەن ماڭسا 23 يىلغا بارماي تۇرپان رايونىدا كارىز قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 9 - ئاينىڭ باشلىرى تۇرپاندا چاقىرىلغان كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالار يىغىنى، كارىز توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، كارىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ سانى ھازىر 400 گە چۈشۈپ قالغان، بۇ سان 1950 - يىللاردا 1300 يېتەتتى.

ھۆكۈمەت دائىرىسىدە كارىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىدە جىددى پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى ياڭ شۆلياڭ، كارىزنىڭ تۇرپان خەلقىغە نىسبەتەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىقىتىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، تۇرپان سۇ ئىنشائات لاھىيىلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ جىن كارىزنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لۇ جىن ئىلگىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن كارىز ھەققىدىكى باياناتىدا، "كارىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. لۇ جىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەن تېخنىكا تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە كارىزنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىغان، كارىز قۇدۇقلىرىنى رېمونت قىلىشقا كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر 20 مېتىر ئارىلىقتا بىردىن كارىز قۇدۇقى بولغانلىقتىن ئاساسى قۇرۇلۇشقىمۇ توسالغۇ بولماقتا.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كارىزنىڭ رايوندىكى سۇغا بولغان ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دائىرىلەر، ھازىرقى يىللىق سۇ ئېھتىياجى بىر مىليارد يۈز مىليون كۇپ مېتىر بولغان تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ، يىللىق ئەمىلى سۇ ئىستېمال مىقتارى بىر مىليارد ئىككى يۈز مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، بۇ ئەھۋال تۇرپاندا سۇ ئامبار ۋە قۇدۇقلارنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.تەڭرى تاغ تور بېتى، بۇ ئەھۋال كارىز سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كارىز مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، يەر ئاستى سۈيىنى قالايمىقان قازغاندا يەر ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئامېرىكا فېدىرال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى روجېر خەنسېن مۇنداق دەيدۇ :

"مەيلى قانداق بولمىسۇن يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىۋېرىشنىڭ يەر ئاستى ئېكولوگىيىگە مەلۇم تەسىرى يېتىدۇ. شۇڭا يەر ئاستى سۈيىنى ئاچقاندا مەلۇم چەكلىمە ۋە پىلان بويىچە ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ".

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر ئاستى سۈيىنى پىلانسىز قالايمىقان ئېچىش، تۇرپانغا ئوخشاش تەبىئىي مۇھىم تەڭپۇڭلىقى ئاجىز بولغان رايونلاردا تېخىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەزىرىدە، كارىز نوقۇل سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ئەمەس.

ئامېرىكا يەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىراق شەرق ۋە خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە لىكتورى دوكتور قاھار بارات كارىزنىڭ تارىخىي ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 50 - يىللاردا تۇرپاندىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ ٪ 70 كارىز سۇيىگە تايىناتتى، بىراق يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە كارىز سۈيىنىڭ دېھقانچىلىقتىكى رولى بارغانسىرى ئازىيىپ، كازىرنىڭ ئورنىنى قۇدۇق سۇيى ۋە سۇ ئامبىرى ئىگىلىگەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارىز سۇيى نۆۋەتتە تۇرپاندىكى دېھقانچىلىققا كېرەكلىك سۇنىڭ 20 ٪ نىمۇ تەمىنلىيەمەيدۇ. بىراق شۇنداقتىمۇ تۇرپاننىڭ قىزىل بايراق، ئايدۆڭكۆل قاتارلىق بىر قىسىم يېزلاردا كارىز يەنىلا دىھقانچىلىقتىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ.

ئائىلە دىھقانچىلىقىنىڭ ئاساسەن كارىز سۇيىگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۇرپان قىزىل بايراق يېزىسىدىكى بىر دىھقان قىزى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كارىز سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن دەپ كۆرسەتتى"

كارىز تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئوسمان ساۋۇت، "شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى" گە بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى كارىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا چاقىرغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار كارىز يوقىلىش خەۋپىگە يۈز تۇتماقتا

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.