كارىزلار جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولماقتا

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق ھېسابلانغان تۇرپان ئويمانلىقىغا نىسبەتەن، بۇلاق سۈيى بۇ جايدىكى بىردىن ‏- بىر ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان . ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەقىللىق تۇرپان خەلقى ھاياتىنى گۈللەندۈرۈشتە چەكلىك سۇ مەنبەسىدىن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن كارىزدىن ئىبارەت مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى ئىجاد قىلغان .

1957 - يىلى ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، كارىزلارنىڭ سانى 1784 بولۇپ 1993 - يىلىغا كەلگەندە كارىزلارنىڭ سانى ئاران 614 كە چۈشۈپ قالغان .

كارىزلارنىڭ بارغانچە ئازلىشى بىلەن بۇ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن تۇرپان، قۇمۇل، پىچان خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، دېھقانچىلىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان، كارىز سۈيىنى ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان يېشىللىقلار ئازلاپ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتمۇ بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرىغان .

كارىزلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشىنىڭ تۇرپان خەلقىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە كارىز قۇدۇقلىرى بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان تۇرپان چاتقال يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.