0:00 / 0:00
يېقىندا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ كەچۈرەن رايونىدا "شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى" ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كېچىلىكتە ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە ئۆتمۈشىگە دائىر ھۆججەتلىك فىلىملار كۆرسىتىلگەن.
ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ فىلىم ۋە سەنئەت نومۇرلار كېچىلىككە قاتناشقان 700 - 800 كىشىلىك تاماشىبىنلار قوشۇنىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.