كەلگۈسى ئون يىلدا خىتاي قايسى يولغا ماڭىدۇ؟

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە بەس-بەستە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.11.21
shi-jinping-bashchiliqidiki-7-daimy-heyiti-305.jpg خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك دائىمىي ئەزاسى. 2012-يىلى 15-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

مەلۇمكى، خىتايدا مانجۇ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە بۇ يىل 63 يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە شوئارلىرى تالاي قېتىملار توۋلاندى. ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ھەققىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن قېتىملار ئوتتۇرىغا چىقتى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە كومپارتىيىنىڭ ھاكىممۇتلەق ئورنىدا تۈپكى ئۆزگىرىش بولمىغانلىقتىن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارغا يول بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زادىلا مۇمكىن بولمىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ يەر شارىدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي زور گەۋدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى ھەر جەھەتتىن كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قايتا ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھال خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ يېڭىدىن يېڭى سوئاللارنى تاشلىدى.

30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەمدە بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن ھالقىما تەرەققىيات ئەمدىلىكتە خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشالامدۇ-يوق؟ دېڭ شياۋپىڭ سىزىپ بەرگەن خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلەمدۇ؟ 18-قۇرۇلتايدا تىكلەنگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى كەلگۈسىدىكى 10 يىل ئىچىدە قايسى يولغا ماڭىدۇ؟
بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا تىكلەنگەن يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ مۇقەررەر يوسۇندا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەممىگە ئايانكى، 1980-يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسى ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش داۋامىدا گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنى ئايرىش ھەمدە پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقىنى تۈگىتىش مەسىلىسى، خۇسۇسىي ۋە ئۇششاق كارخانىلارغا بولغان مۇئامىلە مەسىلىسى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى شۇنىڭدەك خىتاي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلار مەسىلىسى خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە جىددىي يوسۇندا ھەل قىلمىسا بولمايدىغان باش ئاغرىقى بولۇپ تۇرماقتا.

ئەركىن ئەكرەم ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە يەنە خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي تەلىپى ئىكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاللىشىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنىڭمۇ خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.