ئىلى ئوبلاستىنىڭ بەزى ناھىيىلىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى


2005.03.16

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11- مارتتىن باشلاپ توختىماي ياققان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە شۇنداقلا، قىشتىن بۇيان يىغىلغان قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى كۆنەس، قورغاس، تېكەس، توققۇزتارا، چاپچال ۋە نىلقا قاتارلىق جەمى ئالتە ناھىيە كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان.

ئىقتىسادىي زىيان خېلى ئېغىر

ھازىرغىچە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەرچە كەلكۈن ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئاز دېگەندە 110 ئۆيگە سۇ كىرگەن، 33 ئۆي ئۆرۈلگەن ھەمدە 100دەك كۆۋرۈكلەر بۇزۇلغان. شۇنداقلا جەمى 7500 گېكتار تېرىلغۇ يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئاپەت ئېغىر بولغان جايلاردىكى بەزى مەكتەپلەر ۋاقىتلىق دەرس توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان ناھىيە كۈنەس ناھىيىسى بولۇپ، نارات كەنتلىرىدە 45 ئۆينىڭ ئىچىگە سۇ كىرگەن بىر قانچە ئۆي ئۆرۈلگەن. كەلكۈن 60 توننىدەك زىرائەت ئۇرۇقلىرىلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن. كەلكۈندە سۇ ئەڭ كۆپ يىغىلغان جاينىڭ چوڭقۇرلىقى 60سانتىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. 1540 تىن ئارتۇق قوتانلارنى قىيان ئېلىپ كەتكەن. بۇ ناھىيىدە ھازىرغىچە خەلقنىڭ ئۇچرىغان ئىقتىسادى زىيىنى 500 مىڭ يۇئەنگە يەتكەن.

ئەھۋالىمىز بەك ياخشى

بىز كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ناھىيىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ جايدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاۋال كەلكۈن ئاپىتىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كۆنەس ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تېلېفون ئۇلىدۇق. ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن تېلىفون ئالغان خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ، بۇ جايدا كەلكۈن ئاپىتى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، "بۇ جايغا كەلكۈن كەلمىدى، ئەھۋالىمىز بەك ياخشى، ھىچقانداق مەسىلە يوق" دەپ تېلېفوننى قويدى. تېخى ئېنىق ئەمەس

بىز يەنە كۈنەس ناھىيىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قازاق خادىم ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بىراق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرىۋاتقان بولغاچقا، تېخى تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دىژۈرنىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، قانچىلىك زىيان بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئادەم ئۆلگەن ئەھۋال بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يىل باھار مەزگىلى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغان بولغاچقا، تاغدا يىغىلغان قارلار بىراقلا ئېرىپ كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ناھىيىلەر ئاساسەن تاغلىق ھەم چارۋىچىلىق رايونلىرى بولغاچقا ئاھالىلەرمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. شۇڭا ئاپەت ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشقا ۋاقىت كېتىدىكەن. خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئەمما ئاپەتتىكى خەلق ئۆزلۈكىدىن بىرلىشىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرماقتا ئىكەن.

ھازىرمۇ يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

بىز يەنە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشقا تىرىشتۇق. تاغلىق كەنتلەرگە تېلېفون ئۇلاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۆڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بازار ئىچىدىن بىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ئايال ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

"ھازىرمۇ يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، بەك قاتتىق يېغىۋاتىدۇ. بىر كۈن بولدى توختىمىدى. ئۆيلەرگە سۇ كىرگەن ئەھۋاللارمۇ بولدى، بەزىلەرنىڭ ئۆيلىرىمۇ ئۆرۈلۈپتۇ. بىزنىڭمۇ بىر نەچچە ئۆيدىن سۇ تامچىۋاتىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقىنى بىلمەك تەس".

ئىگىلىشىمىزچە، ئىلىنىڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بەزى ناھىيىلىرىدە ھازىرغا قەدەر يامغۇر تېخى توختىمىغاچقا، خەلقنىڭ كەلكۈننى تىزگىنلىشىمۇ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. بۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشى ۋە يەنە قانچىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ھازىرچە قىياس قىلماق تەس. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.