ئىلىدا كەلكۈن ئاپىتى داۋاملىق ئۇلغايماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى قىشتىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قار ھەددىدىن زىيادە كۆپ ياققان بولغاچقا، ئالاقىدار دائىرىلەر، بۇ باھار پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئىلى تەۋەلىكىدە كەلكۈننىڭ شەپىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىز ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ياققان قاتتىق يامغۇر ھەمدە قىشتىن بۇيان يېغىپ يىغىلغان قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن ھاسىل بولغان كەلكۈن، ئىلىنىڭ كۆنەس، تېكەس، توققۇزتارا قاتارلىق ئالتە ناھىيىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچراتقان ئىدى.

23 - مارت ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ھەمدە مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئاپەت رايونىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا بىر ھەپتىدىن بۇيان كەلكۈن داۋاملىق ئۇلغىيىپ، ئىلىگە قاراشلىق 8 ناھىيە ئىككى شەھەردە 110 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەت زەربىسىگە ئۇچرىدى. بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى ھەم مال مۈلكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆرۈلگەن ئۆيلەر 12مىڭ ئېغىزدىن ئاشقان. 4000 گە يېقىن چارۋا مال ئۆلگەن. يەنە 3مىڭ 267 گېكتار تېرىلغۇ يەر ۋەيران بولغان. ھەمدە دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق.

ئەجىبا خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ خاتا خەۋەر بەردىمۇ؟

بىز كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تىزگىنلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، كەلكۈن تىزگىنلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىم تېلېفوننى ئېلىپ، بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلىفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتلىرىدىمۇ ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلىۋاتقان ئاپەت ئەھۋالىنى بىزدىن يوشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"سىلەر كەلكۈن ئاپىتىنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر؟ سىلەر خاتا مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ قاپسىلەر، كەلكۈن ئۇنداق چوڭ ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، ھەممە نەرسە نورمال، ھېچقانداق زىيان كېلىپ چىقمىدى، بىز كېچە - كۈندۈز كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز. ھېچقانداق چاتاق يوق".

ھۆكۈمەت يۇشۇرغاننى خەلق ئاشكارلىدى

بىز يەنە ئىلىدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئېغىرراق ئۇچرىغان يېزىلاردىن بىرى بولغان، تاغلىققا جايلاشقان سارقۇبا يېزىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. يېزىدا گۆزەتتە تۇرىۋاتقان بىر قازاق كىشى ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر - ئىككى كۈندىن بۇيان يامغۇر توختاپ كەلكۈنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن بولۇپ، يېزىدا بەزى ئۆيلەر ئۆرۈلگەن. ئەمما ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەسى بۇ يېزىدا كۆرۈلمىگەن. ئاپەتنىڭ قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلگىنىنى بۇ كىشى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىشى مۈمكىنلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن تاغ سېرىلىش، تۇپراق ئېقىشقا ئوخشاش ئاپەتلەرنىڭمۇ كېڭىيىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ باھار يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىدىن سىگنال بەرمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا باھار مەزگىلى كېلىشى بىلەنلا بەزى جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى، تاغ سېرىلىش، قىيان كېلىشكە ئوخشاش ئاپەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قار يامغۇر كۆپ ياققاندىن باشقا باھاردىكى كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ تېز بولۇپ كەلگەچكە بۇ خىل قار ئېرىش خاراكتېرلىق كەلكۈن ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يەنە بۇ يىل باھاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرىكى يىللارغا باققاندا يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قىياس قىلماقتا.

چۈنكى ئۆتكەن يىل قىشتىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان بولۇپ، قار يېغىش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكى 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قار بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ھەم قېلىنلىقى زورايغان. شۇنداقلا مېتىرولوگىيە ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل باھار مەزگىلىدە يەنى 3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئىنتايىن تېز بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە باھار مەزگىلىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى شۇنداقلا شەرقى جەنۇبىدىكى دەريالارنىڭ سۈيى ئىلگىرىكى مۇشۇ مەزگىلگە قارىغاندا 15٪ ئەتراپىدا جىق بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ دەريا سۇلىرىمۇ كۆتۈرىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ سۇ ئامبارلىرى ئاساسەن تويۇنما ھالەتتە بولغاچقا، يېقىن ئارىدا قىيان ھەم كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن. بىراق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر كەلگۈسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان كەلكۈننىڭ ئاپەتلىرىدىن ئەندىشە تۇيماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)